باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنى مۇھىم پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قىلىش كېرەك

2013.08.14 16:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ما پېيخۇا شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلدى
  مىلاقىز بەكرى خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشتا مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىنى تەكشۈردى – تەتقىق قىلدى. 13 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ما پېيخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  جۇڭگو شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارى 890 مىليون كىلوۋات بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى زاپاس مىقدارىنىڭ %20.4ىنى ئىگىلەيدىكەن، بۇ جەھەتتە ئېلىمىز بويىچە 2 – ئورۇندا تۇرىدىكەن؛ شامال رايونى 77 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېخنىكىلىق پايدىلىنىش مىقدارى 120 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدىكەن. شىنجاڭدا قۇياش نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى خېلى ئۇزاق بولۇپ، يىلدا قۇياش نۇرىنىڭ كۈنلۈك چۈشۈش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن ئاشىدىغان كۈن 225 كۈندىن 250 كۈنگىچە ئىكەن.

  يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشتا مۇھىت ئاسراش جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئولتۇراقلىشىشقا قولاي شەھەر – بازار قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلغان؛ شەھەرلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت بۇلغىمىسىنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2012 – يىلىلا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپلىرىدىكى بۇلغىما چىقارغۇچى كارخانىلاردىن 163ى تاقالغان ياكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان، ئۈرۈمچىدە بۇلغىما چىقىرىدىغان 15 كارخانا كۆچۈرۈلگەن؛ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى ئازايتىلغان، 2012 – يىلى ئۈرۈمچىدە 12 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق 431 پارقازان ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، گاز يېقىلغۇ قىلىنىدىغان 710 پارقازىنى قۇراشتۇرۇلغان؛ يۇندى، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىدىغان شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلغان؛ مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى شەھەر قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئاساسى قىلىنغان؛ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش چىڭ تۇتۇلۇپ، شەھەر – بازارلار مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

  ما پېيخۇا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ۋە پاكىز ئېنېرگىيە بايلىقى مول، شۇڭا شىنجاڭ كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رايون بولۇپ قالىدۇ. ئاپتونوم رايون پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. ئىلمىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى، بىز شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىغا تىلەكداشمىز. مەركەز پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە، تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىمىز ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان قىممەتلىك پىكىرنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، مەركەزگە ئاكتىپ دوكلات قىلىپ، شىنجاڭنى ئېلىمىزنىڭ مۇھىم پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماۋكەن سېيىتقامزا تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئەھۋال دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونىمىزدا تەبىئىي مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىدىكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئېكولوگىيەسى ئاجىز، سۇ مەنبەسى كەمچىل بولۇش، شەھەرلەرنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل بولماسلىق، كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلى يىرىك بولۇش، يېزا، كەنتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئاساسى ئاجىز بولۇشتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بىز تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ياخشى پىكىر – تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەك قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جىيۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شىنگۇاڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لۇڭ گوجيەن ۋە تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل