باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى 20 مەمۇرىي ھەقنى تۆۋەنلىتىدۇ

2013.08.14 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردىن تارتىپ، 14 تارماقنىڭ جەمئىي 20 مەمۇرىي ئىش خاراكتېرلىك ھەق يىغىش تۈرىنىڭ ھەق يىغىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىم چۈشۈرۈلگەن ھەق يىغىش ئۆلچىمىنىڭ تۈرلىرى-ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رەنىگە قويۇپ تىزىمغا ئېلىش ھەققى، شەخسىي پاسپورت ھەققى، چاڭجياڭ غول لىنىيەسىدىكى پاراخوتلارغا يول باشلاش ھەققى، جامائەت گۇۋاھلىقى ھەققى، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ھەققى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى سىناش، تەكشۈرۈش ھەققى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى ۋە تەرجىمە كەسپىي سالاھىيىتى، پاتېنت ۋاكالەتچىلىك سالاھىيىتى، سەھىيە مەخسۇس تېخنىكا سالاھىيىتى قاتارلىق قىسمەن ئىمتىھانلارنىڭ ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رەنىگە قويۇپ تىزىملاش ھەققى ھازىرقى ھەر قېتىملىقى يۈز يۈەندىن ھەر قېتىملىقى 70 يۈەنگە چۈشۈرۈلىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىدىكى تاۋار ماركىسىنى قەغەزچە رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ ھەر بىر پارچىسى مىڭ يۈەندىن 800 يۈەنگە چۈشۈرۈلىدۇ؛ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ھەققىنىڭ ئۆلچىمى %20 چۈشۈرۈلىدۇ؛ پاتېنت ۋاكالەتچىلىك سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە تەرجىمە كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ ھەق ئۆلچىمى %25 تىن %50 كىچە چۈشۈرۈلىدۇ. دەسلەپكى ھېسابقا قارىغاندا، دۆلەت بۇ قېتىم چۈشۈرگەن ھەق يىغىش ئۆلچىمى ئارقىلىق، ھەر يىلى كارخانا ۋە ئاھالىلەرنىڭ 200 مىليون يۈەنلىك يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل