باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇشتا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىنى مەخسۇس تۈزەيدۇ

2013.08.14 16:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت، تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېقىندا خىزمەت لايىھەسى چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە قۇرۇلۇش ساھەسىدە (ئۆي، ئىمارەت ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشىدىن باشقا) قۇرۇلۇشتا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۆمۈريول، تاشيول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە (يادرو ئېلېكتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە سۇچىلىق قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش، ئېچىش تۈرلىرى، قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مۇنارسىمان كىران، قۇرۇلۇش لىفىتى، كۆۋرۈك قۇراشتۇرۇش ماشىنىسى، كۆۋرۈكسىمان كىران، ئىشىك شەكىللىك كىران، ئارقانلىق كىران، زەنجىر تاپانلىق كىران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت، تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سۈپەت، تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان مۇنارسىمان كىران، قۇرۇلۇش لىفىتى، كۆۋرۈك قۇراشتۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ تىپتىكى كىران، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش سايمانلىرىنى قۇراشتۇرۇش، بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ياسايدىغان كارخانىلارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت كاپالەت ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلات سۈپىتى تۆۋەنلەش ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇپ، قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتلىرى ياسىمىچىلىقنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا يول قويماسلىقى كېرەك. بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرلىك قاتناش تىرانسپورت، تۆمۈريول، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلىرىنىڭ تۈزەش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ دەل جايىدا ئىشلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (لى چۈنشيا خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل