باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەت–تېخنىكا نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكىلەر 22 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلدى

2013.08.14 16:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چۈنشيا خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى ‹‹داتيەن›› كالا باقمىچىلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى شۈ خۈي 31 – ئىيۇل: مۇتەخەسسىسلەر بەش – ئالتە قېتىم كېلىپ، ئۆلچەملىك باشقۇرۇش جەھەتتە بىز يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى، دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىل 22 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش – تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا، ئامما ئۈچۈن پائال، ئەمەلىي ئىش قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  مۇلازىمەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى ‹‹داتيەن›› كالا باقمىچىلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى خېلى كۆلەملەشكەن چارۋا مال باقمىچىلىق گەۋدىسى بولۇپ، يىلدا 80 مىڭ تۇياق كالا، 150 مىڭ تۇياق قوي باقىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ئۆلچەملەشتۈرۈش باشقارمىسى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئالاقە باغلاپ ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق ئىدارىسى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەش – تەكشۈرۈش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى مۇلازىمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كالا بېقىش، يۇقۇم مۇداپىئەسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە باقمىچىلىق رايونىنى ئۆلچەملىك قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ – پىكىر بەردى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىدە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق نۇقتىسى بۇ يىل 6 – ئايدا ‹‹ئەسلىھەلىك چارۋىچىلىق بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئۆلچەملىك باقمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا قۇرۇلغان تۈر›› قىلىپ تەستىقلاندى. ‹‹ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بۇنىڭ ياردىمى ناھايىتى زور›› دېدى شۈ خۇي.

  سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكىلەر كۆزنەك مۇلازىمەت ئورۇن بولۇش سۈپىتىدە مەمۇرىي تەستىق تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش – تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى. سانجى ئوبلاستلىق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ‹‹مۆھلەت بەلگىلەپ بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمى››نى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش – تەستىقلاش ۋاقتىنى %50 قىسقارتتى ھەم جەمئىيەتكە ‹‹جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىمىز، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىمىز، قىيىن ئىشنى ياردەملىشىپ بېجىرىمىز، دائىملىق ئىشلارنى تېز بېجىرىمىز›› دەپ ئاشكارا ۋەدە بەردى. قۇمۇل ۋىلايەتلىك سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى تەسىس قىلىپ، ‹‹يېشىل يول››، ‹‹ئالاھىدە ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈش بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى›› قاتارلىق پىرىيوم – كارانتىن تەكشۈرۈشىگە ئائىت مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك تارماقلىرى كارخانىلارغا نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ بېرىش، ئۆلچەش ئەسۋابىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ‹‹كۆچمە تەجرىبىخانا››نى ئېتىزغا ئاپىرىپ، ساختىلىققا زەربە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپلا قالماي، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل