باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىستىل توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ يادروسى − سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش (1)

جاڭ كېراڭ

2013.08.14 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 7 – ئاي كىرگەندىن بۇيان، خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش باش تېما قىلىنغان ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى پارتىيە ئىچىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۇختا قانات يايدۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ‹‹تۆت ئىستىل›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا: ‹‹شىنجاڭدا ئىستىل توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ يادروسى سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش›› دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە رايون ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە كۈچلۈك رېئاللىققا، تەخىرسىزلىككە ئىگە.

  سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشكە ئۇيغۇن مۇرەككەپ، كەسكىن ئالاھىدە رايون ئەھۋالىنىڭ ئېھتىياجى

  شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر زېمىنى. ھازىر شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاش ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە جىددىي ئىسلاھ قىلىنىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە جىددىي ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ، مەنپەئەت ئەندىزىسى جىددىي تەڭشىلىۋاتىدۇ، ئىدىيەۋى قاراش جىددىي ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن ئارقىدا قالغان ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاش سۇيىقەستىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى فىرونتىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ۋەتىنىمىزنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا شەكىللەردە پارچىلاش ھەرىكىتى كۈچىيىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئارقا – ئارقىدىن يۈزبەردى، جىنايەتچىلەر پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى قالايمىقان ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى قەبىھ بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھايات ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى شۇنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ئىسپاتلىدىكى، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر دۆلىتىمىزنى مۇنقەرز قىلىش غەرىزىدىن يانمىدى، ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنى پارچىلاش سۇيىقەستى بارغانسېرى روشەنلەشتى، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەش بولۇپ، بەزىدە ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ھايات – ماماتلىق كۈرەش ۋە سىناققا ھەر ۋاقىت دۇچ كېلىدۇ. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي ئېغىشماي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش شىنجاڭنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، مەركىزىي كومىتېت بىز كوممۇنىستلارغا يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچ.

  يولداش جياڭ زېمىن مۇنداق دېگەنىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ‹‹خەۋپ ئېڭىنى جەزمەن تۇرغۇزۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەسىلە ۋە خىرىسنى تولۇق مۆلچەرلەپ، تەدبىر ۋە چارىلەرنى ئەتراپلىق تۈزۈشى كېرەك، مەركىزىي كومىتېت رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ساقلاش ناھايىتى چوڭ سىياسىي ۋەزىپە، ناھايىتى مۇھىم ئومۇمىيەت››. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتىدە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى تەكىتلەش ئۇلارنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى؛ دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئالاقىدار چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشى چۈشىنىكسىز، پوزىتسىيەسى مۈجمەل، ھەرىكىتىنىڭ تۇراقسىز بولماسلىقىنى؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش بايرىقىنى ئاڭلىق ھالدا ئېگىز كۆتۈرۈشىنى؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشنى بىرىنچى ۋەزىپە، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىرىنچى مەسئۇلىيەت، دەپ بىلىشىنى؛ زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندە دادىل ھەل قىلىشقا، كىرىزىسقا دۇچ كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن تەۋرەنمەي، بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل