- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
‹‹گۈزەل شىنجاڭ›› ناملىق ئېلېكتىرونلۇق ئالبوم تارقىتىلدى
2013.08.14 16:49 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى بىلەن ‹‹ بېيجىڭ ھەپتىلىك گېزىتى ›› بىرلىكتە ئىشلىگەن ‹‹گۈزەل شىنجاڭ ›› ناملىق سۈرەتلىك ئالبومنىڭ خەنزۇچە ، ئىنگلىزچە ، فىرانسۇزچە ، گېرمانچە ، ياپونچە تىللاردىكى نۇسخىسى رەسمىي تارقىتىلدى . بۇ يەنە ‹‹ بېيجىڭ ھەپتىلىك گېزىتى ›› نىڭ كۆپ تىللىق تورى ئارقىلىق چەت ئەللەرگە ئېلان قىلىنىپ ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى تاشقى تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ياساش شەكلى ۋە تارقىتىش يوللىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ، ‹‹مەزمۇننى سەرخىللاشتۇرۇش ، شەكلىدە جانلىق بولۇش ، تارقىتىشتا ئەمەلىي بولۇش ›› تا ئىزدىنىش ئېلىپ باردى . ‹‹گۈزەل شىنجاڭ ›› ناملىق ئېلېكتىرونلۇق ئالبوم ئەنە شۇنىڭ مەھسۇلى .
‹‹گۈزەل شىنجاڭ ›› ناملىق ئېلېكتىرونلۇق ئالبومدا سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرگە شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇرت-ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قەدىمىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسى قاتارلىقلار مەركەزلىك نامايان قىلىندى .
نۆۋەتتە ، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ ›› ناملىق ئېلېكتىرونلۇق ئالبومنىڭ كۆپ تىللىق نەشرى ‹‹ بېيجىڭ ھەپتىلىك گېزىتى ››، ‹‹خەلق گېزىتى ›› قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق گېزىت ئوقۇش سەھنىلىرىدە ئېلان قىلىندى . 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ‹‹گۈزەل شىنجاڭ ›› ناملىق ئېلېكتىرونلۇق ئالبوم خەنزۇچە ، ئىنگلىزچە ئىككى خىل يېزىقتا ھەر قايسى كۆچمە قوللىنىشچان دۇكانلار، SNS ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرى ، ‹‹داڭداڭ›› تورى ، ‹‹ئامازون ›› جۇڭگو كىتابخانىسى ، جۇڭگو تورى ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى WIFI قانىلى قاتارلىق باشقا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يېڭى ئاخبارات سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل