باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

«ئۆرۈك ئوغرىسى»(1)

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.04.16 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باشلانغۇچ مەكتىپىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ھېلىمۇ ھاياجان ئىلكىدە ئەسلەيمەن. مەكتىپىمىز گەرچە كونا بولسىمۇ، ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق ئىدى. مەكتەپنىڭ كەينى تەرىپى كەڭ كەتكەن ئېتىزلىق، ئۆرۈكلۈك، ئۈچمىزارلىق، جىگدىلىك ئىدى. باھار كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، جىگدىلەر چىچەكلەپ خۇشبۇي ھىد تارقىتاتتى. ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۈجمىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، بىزنى قەۋەتلا خوش قىلىۋىتەتتى. بىز بىر قانچىمىزنىڭ ئۆيى مەكتەپتىن خېلىلا يىراق جايدا بولغاچقا، بەزىدە چۈشتە ئۆيگە قايتماي ئۈجمە يەپ قۇرساق توقلايتتۇق. شاختىن ـ شاخقا قونۇپ قوغلاشماق ئوينايتتۇق بەزىدە ھەتتا سېۋەت بېغىچىلىك ئىنچىكە شاخلارغىمۇ چىقىۋالاتتۇق. كىچىكلىكىمىزدىنمۇ ياكى قورساق بەك ئىچىپ كىتەمدۇ، ئىشقىلىپ تۆتىنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشۈپلا مەكتەپنىڭ كەينى تەرىپىگە چاپاتتۇق. چاققانلىرىمىز يۈگۈرگەن پىتى دەرەخكە يامىشىپ چىقىۋىلىپ، ئۆزىمىز چىقىۋالغان دەرەخكە باشقىلارنى چىقارمايتتۇق. مەن يۈگۈرگەك بولغاچقا ئادەتتە مېۋىسى ئەڭ كۆپ، چىقىش ئوڭاي بولغان شاخلارنى ئىگەللىۋىلىپ، باشقىلارنى چىقارمايتتىم. بەزىدە چىقالمىغان ساۋاقداشلىرىمغا ئانچە ـ مۇنچە «ئىلتىپات» كۆرسىتەتتىم. خوشۇم تۇتۇپ قالسا ئۈجمە پىششىقى مەزگىلىدە ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن خالتا تىكىپ ئىچىگە ئۈجمە قاچىلاپ تاشلاپ بېرەتتىم.

  ئۆرۈك پىششىقى مەزگىلى ئىدى. ئىككى دوستۇم بىلەن ئۆيگە قايتماي ئۆرۈك يېيىشنى مەسلىھەتلىشىپ قويغاچقا، قوڭغۇراق چىلىنىشى بىلەنلا ئۆرۈكلۈككە قاراپ چاپتۇق. بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن مەي باغلاپ راسا پىشىپ ئوخشىغان بىر تۈپ ئاق ئۆرۈكنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدۇق. ئىلگىرىكىدەك بىر ـ بىرىمىزدىن قىزغىنىپ، ئۆرۈكنىڭ شاخلىرىنى ئىگىلەپمۇ ئۈلگۈردۇق. تويغۇچە يىگەندىن كىيىن يانچۇقلىرىمىزغا، بوغچىلىرىمىزغا قاچىلاشقا باشلىدۇ. بىر چاغدا شاھناز: «ۋاي، ئىگىسى كەلدى» دېگىنىچە ئۆلەر ـ تىرىلىشىگە قارىماي شاختىن ئۆزىنى ئىتىپ قاچقىلى تۇردى. ئايتۇلانمۇ سومكىسىنى ئاسقىنىچە بىر پاي ئايىقىنىڭ چۈشۈپ قىلىشىغا، يانچۇقىدىكى ئۆرۈكلىرىنىڭ چېچىلىپ كېتىشىگە قارىماي ئېگىز ـ پەس دەسسىگىنىچە قاچتى. ھەممىنى قىلغان مۇشۇ ئۆلگۈر نەپسىم. مەن ئەڭ ئېگىز شاخقا چىقىۋالغان بولغاچقا قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەيتتىم. ئەمدىكى پەقەت بىرلا ئامال ئۆرۈك ئىگىسى كەتكەنگە قەدەر ئۆرۈك شاخلىرىغا مەھكەم چاپلىشىپ شۇ يەردە تۇرۇش ئىدى. ئۇ ئادەم دەسلەپتە مېنى كۆرمىدى. ئۆرۈك ئوغرىسىدىن ئىككىسىلا بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان چېغى ئۈستىگىمۇ قارىمىدى. بىراق كاللامغا ئۇ بوۋاينىڭ ئۆچكە ساقاللىرىنى تىترەتكىنىچە مېنى تىللىغانلىقى، قوللىرىنى شىلتىپ دۈشكەلىگەنلىكى، مېنى پەسكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن يۇمشاق گەپلەرنى قىلىپ، كار قىلمىغاندا داڭگاللارنى ئاتقانلىقى، ئاندىن بىر تال تاياقنىڭ ئۇچىغا تىكەننى چېگىپ، ھەدەپ ماڭا سانجىۋاتقانلىقى، يۈز ـ كۆزۈمنىڭ ساق يېرى قالمىغانلىقى كۆز ئالدىمغا كىلىپ يۈرۈكۈم سىلىپ كەتتى. شاختا تۇرۇپ ئۇنى ئېھتىيات بىلەن كۆزىتىشكە باشلىدىم. بەك قورقۇپ كەتكەنلىكىمدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئىشقىلىپ بوۋاي ساقاللىرىنى تىترىتىپ كىملەرنىدۇ تىللاۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ شاخقا تېخىمۇ چىڭ چاپلاشتىم. تويۇقسىز «توك – توك» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يانچۇقۇمغا پاتماي قالغان ئۆرۈكلەر يەرگە چۈشۈشكە باشلىدى. يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سىلىشقا باشلىدى. ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ نەپەس ئالالماي قالدىم. بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. «توك – توك» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغان بوۋاي ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئۈستىگە قارىدى ۋە ئاخىرى مىنى كۆرۈپ قالدى. بوۋاينىڭ چىرايىدىن ھەيرانلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا«قىزىم، پەسكە چۈش» دېدى. مەن ئۈندىمەي تۇرۇۋالدىم.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر