باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«ئۆرۈك ئوغرىسى»(2)

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.04.16 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوۋاي يەنە: «قىزىم، سېنى ئۇرمايمەن، دەرسىڭگە كېچىكىپ قالىسەن،» دېدى. مەن يەنە جىممىدە تۇردۇم.

  ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى توردىن قاچماقچى بولغان بېلىقنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن سېلىنغان يەمچۈك خالاس، دېگەننى ئويلىدىم، بوۋاي يەنە بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلدى، بىر ئازدىن كىيىن ئالدى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. «ئاپلا، ئەمدى تاياق ئېلىپ كىلىدىغان بولدى، دەرھال قاچاي، شۇ خىيال بىلەن ئۆزۈمنى دەرەختىن ئاتماقچى بولدۇم، يەنە تۇرۇپ قالدىم، چۈنكى شاخ بەكمۇ ئېگىز ئىدى. پەستىكى شاخقا سېيرىلىپ چۈشمەكچى بولدۇم. ئاھ خۇدا، ماۋۇ كېلىشمەسلىكنى كۆرۈڭ، پۇتۇم ئاستىدىكى شاخقا يەتمىدى. ئەمدى خۇددى سېركچىلەردەك مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. شاخ بەكلا ئىنچىكە بولغاچقا يەنە تىپىرلىسام يېرىلىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. شۇڭا مىدىرلاشقا پىتىنالمىدىم. ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ دومىلايتتى. ئۆلگۈر قېرىنىڭ ئايتۇلاننىڭ چۈشۈپ قالغان بىر پاي ئايىقىنى كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. ئۇنىڭسىزمۇ قولۇم ئاغرىپ بولالماي قالغان ئىدىم. شۇڭا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن دەپلا ئۆزۈمنى شاختىن ئاتماقچى بولدۇم. دەل شۇ چاغدا شاخ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قالدىمۇ «قاراس ـ قۇرۇس» قىلىپ سۇنۇپ، بوۋاينىڭ ئالدىغىلا چۈشتنم، ئورنۇمدىن تۇرۇپ قېچىشقا تەمشەلدىميۇ، قاتتىق ئاغرىق دەستىدىن مىدىرلىيالمىدىم. بوۋاي چۆچۈپ كەتتى. يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ، ئاندىن كۆڭلىكىنىڭ پېشىنى جارتتىدە قىلىپ يىرتىپ قان سىرغىپ تۇرغان پۇتۇمنى تېڭىشقا باشلىدى. دەسلەپتە مېنى باغلايدىغان نەرسە ئىزدەۋاتقان بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم. شۇ چاغدا قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى بىلمەيسىلەر. ئۇ بۇۋاينىڭ يۈز ـ كۆزلىرىگە ئېسىلىپ سۆيگۈم، ساقاللىرىنى تارتىپ ئوينىغۇم كىلىپ كەتتى. «قىزىم، يېگۈڭلار كەلسە يەڭلار، بىراق زايە قىلماڭلار، بۇنى ئىلىۋالغىن» دېدى بوۋاي ئايتۇلاننىڭ ئايىقىنى سۇنۇپ ۋە ئاندىن مېنى يۆلەپ تۇرغۇزدى. «پۇتۇڭ قانداقراق؟ مەن سىنىپىڭغا ئاپىرىپ قۇيايمۇ، دوستلىرڭمۇ كۆرۈنمەيدۇ، ئۇلار سېنى تاشلاپ قېچىپتۇ ـ دە، دەپ قوشۇپ قويدى. «ياق، ئۆزۈم ماڭالايمەن» دېدىممەن خىجالەتچىلىك ئىچىدە ۋە ئاغرىققا قارىماي لېۋىمنى چىشلىگىنىمچە تېز ـ تېز مېڭىپ كەتتىم.

  شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى 2064-سان 2004-3.10 كۈنى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر