باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئاز ھەم ساز يازىدىغان شائىر(1)

سەمەت ئابدۇراخمان شېئىرلىرى توغرىسىدا

2012.12.25 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رىسالەت مەردان

  سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىنى تۇنجى ئوقۇغاندا مەن تېخى شېئىرىيەت باغچىسىدا تەمتىلەپ يۈرگەن بىر بالا ئىدىم، ئارىدىن ئون بەش يىل ئۆتتى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى داۋاملىق ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يارىتىلغان شېئىرىي مەنزىرە ۋە قومۇل قوشاقلىرىغا خاس پۇراق مېنى ئىزچىل مەھلىيا قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، ئەنئەنىۋىيلىككە قاراپ ئىلگىرلىگەن ئىجادىيەت يۆنىلىشى نۇرغۇنلىغان كىتابخۇمارلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋار بولۇپ كەلدى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاكتىپ بىر قىسمى بولغان شېئىرىيەت ھامان يورۇق نۇقتا بولدى، ھەر قايسى يەرلىك ژورناللار، ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك ژورناللار شېئىرىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە سەھىپە ئاجىراتتى. جۈملىدىن، ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ›› ژورنىلىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئەلۋەتتە، شائىر سەمەت ئابدۇراخماننىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى ›› ۋە ‹‹قومۇل گېزىتى ›› دە ئېلان قىلىندى.ئۇنىڭ شېئىرلىرى گەرچە كۆپ ئېلان قىلىنمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى شېئىرىي دىتاللارنىڭ قويۇقلۇقى، تىلىنىڭ يەڭگىللىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇننىڭ نامى ئويۇلۇپ قالدى.

  سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن قومۇل خەلق قوشاقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ خىل ئورتاقلىق يىللار مابەينىدە بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، بۇ شائىرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىنىڭ، تىرىشىشىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ئۆز شېئىرلىرىنىڭ يىنىك، دەبدەبىسىز، تىلى ئاددى ئەمما ئىپادىلەنگەن شېئىرىي مۇھىتنىڭ قويۇق ھەم چىن بولىشىغا كۆپ ئەھمىيەت بەردى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن قومۇل قوشاقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئورتاقلىق تۈۋەندىكى نۇقتىلاردا روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ:

  1. قومۇل خەلق قوشاقلىرىدا ئەكىس ئەتكەن شېئىرىي مەنزىرىنى سەمەت ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. سەمەت ئابدۇراخماننىڭ ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەتكە ئاتاپ يازغان بىر شېئىرى بار، بۇ شېئىرنى ئوقۇغانلار شۇنى ئېنىق ھېس قىلالايدۇكى، بۇ شېئىردا شائىر ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەتنىڭ قومۇل مۇقاملىرىنى ئېيتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ دىتالنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇ ئېيتقان ناخشىلاردىكى سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن جانلىق پايدىلانغان ھەم ناخشىچىنى گەۋدىلەندۈرۈش مەقسىدىگە يەتكەن.تۈۋەندىكى مىساللاردىمۇ يوقىرىقى ھالەت ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ: جاڭگالدا تەمەچ تەرمىدىم، ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى، باغدا يوپۇرماق سەرمىدىم، ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى....ھەممىلا مەشرەپ توي ئەمەس، ھەممىلا ئادەم قوي ئەمەس،يولۋاسقىمۇ يول بەرمىدىم، ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى. ‹‹ ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى››‹‹ساراڭ›› دەيسەن، مەن كۆككىنە كەپتەر بولۇپ،كۈندە سېنى ئەگىسەم.‹‹مەن بۇزۇقمۇ تۈزۈكمۇ››

  بۇ غەزەلدىكى ‹‹ئالتىنچى ئاينىڭ ئالتىسى››، ‹‹ جاڭگالدا تەمەچ تېرىش››، ‹‹ يولۋاسقا يول بەرمەسلىك ››قاتارلىق ئىبارىلەر قومۇل خەلق قوشاقلىرىدا ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەتكە تالىق، قومۇل خەلق قوشاقلىرىنى بىۋاستە ئەسلىتىپ تۇرىدىغان ئىبارىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن شائىرنىڭ بۇ غەزىلى روشەن مىللىي ۋە يەرلىك پۇراققا ئىگە بولغان. شائىر شېئىرىدىكى دىتاللارنى مىللىي پۇراققا تويۇندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.‹‹ شېئىر بىلەن ئىلىم-پەننىڭ بىرىنچى پەرقى: شېئىر بولسا ئىجاد قىلىدۇ، ئىلىم پەن بولسا بايقايدۇ، ئىسپاتلايدۇ، يىغىنچاقلايدۇ، تەھلىل قىلىدۇ››(1)، قومۇل قوشاقلىرىدىكى قومۇلغا خاس بەزى ئىلمىنىتلار شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا قايتا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ يېڭىچە ۋە ئۆزگىچە بولغان ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇپ، مۇئەييەن دەرىجىدە ئىجادىي قىممىتىنى تاپتى. شائىرنىڭ بىز يوقۇرىدا تىلغا ئالغان ۋە بۇ ماقالىگە كىرگۈزۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان قىسمەن شېئىرلىرى بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە