باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

مېۋە شەربىتىنىڭ ئۈچ يېتەرسىزلىكى

2018.02.08 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك گىگېنىسى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ما گۇەنشېڭ نۇرغۇن كىشىنىڭ مېۋە شەربىتىنى مېۋىنىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى، بۇ، ئەمەلىيەتتە چوڭ بىر خاتا قاراش ئىكەنلىكى، مېۋىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مېۋە شەربىتىدە ئۈچ «يېتەرسىزلىك» بارلىقىنى ئېيتتى:

  بىرىنچى، مېۋە شىرنىسىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندە، مېۋىنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم يېمەكلىك تالاسى چىقىپ كېتىدۇ ھەمدە بىر قىسىم ۋېتامىنلارمۇ سىقىش جەريانىدا زىيانغا ئۇچراپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئازىيىپ كېتىدۇ؛

  ئىككىنچى، قارىماققا «مېۋە شىرنىسى» بار ئىچىملىكلەر ئەمەلىيەتتە مېۋە تەملىك ئىچىملىك بولۇپ، ئىچىدىكى «مېۋە تەمى»نىڭ كۆپىنچىسى ھەر خىل خۇش پۇراق ماتېرىياللاردىن تەڭشەپ چىقىلغان، ئوزۇقلۇق تەركىبىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛

  ئۈچىنچى، بەزى مېۋە شەربەتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا شېكەر قوشۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىچكۈچىلەرنىڭ قوشۇلما شېكەر ئىستېمال مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. قوشۇلما شېكەر زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، چىش چىرىش، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر