- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچىدە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى تەنھەرىكەتچى تەقدىرلەندى
2013.05.14 15:12 مەنبە: خەلق تورى
 |
13-ماي، 14-نۆۋەتلىك لوندون ئو ت م تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نەيزە ئېتىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ليۇ مىڭ (سولدا)، قارىغا ئېلىش تۈرىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن لى جىنجى مۇكاپات بويۇمىنى نامايەن قىلماقتا. (ليۇ جىلوڭ، جاڭ چيۇۋەن فوتوسى) |
13-ماي، ئۈرۈمچىدە مېيىپلەر ئو ت م مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى چاقىرىلىپ، مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ليۇ مىڭ، لى جىنجىلار تەقدىرلەندى ھەمدە ئۇلارغا 280 مىڭ ۋە 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلدى.
2011-يىلى يىل ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەنھەرىكەتچى ليۇ مىڭ ۋە لى جىنجى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، بىر يىلدەك تەربىيەلەنگەندىن كېيىن. بولتۇر ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئو ت م يىغىنىغا قاتناشتى. ليۇ مىڭ ئاياللارنىڭ F57-58دەرىجىلىكلەر نەيزە ئېتىش مۇسابىقىسىدە، 23.48 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيۇن بولدى ھەمدە بۇ تۈردىكى ئاسىيا رېكورتىنى ياراتتى، لى جىنجى لوندون مېيىپلەر ئو ت م قارىغا ئېلىش ئاياللارنىڭ يەككە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مىس مېدالغا ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە