باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى ئېلىمىزدە 7 مىليون 74 مىڭ گېكتار كۆلەمدە ئورمان بەرپا قىلىندى

2019.03.14 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك كۆكەرتىش كومىتېتى ئىشخانىسى 11-مارت ئېلان قىلغان «2018-يىلى جۇڭگونىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ئەھۋالى ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 7 مىليون 74 مىڭ گېكتار يەردە ئورمان بىنا قىلىش تاماملىنىپ، 8 مىليون 519 مىڭ گېكتار يەردىكى ئورمان پەرۋىش قىلىنغان.

  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: 2018-يىلى، جايلاردا ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشكە قاتنىشىشتەك قويۇق كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلدى. تەبىئىي ئورمان بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدا 273 مىڭ گېكتار كۆلەمدە ئورمان بەرپا قىلىندى، 112 مىڭ گېكتار زاپاس بايلىقلار ئۆزگەرتىپ يېتىلدۈرۈلدى، 1 مىليون 13 مىڭ گېكتار ئورمان نوتىلىرى پەرۋىش قىلىندى، مۇھاپىزەت قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 130 مىليون گېكتار بولدى. بېيجىڭ-تيەنجىن قۇم بوران مەنبەسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىدا 190 مىڭ گېكتار يەردە ئورمان بەرپا قىلىندى، 6300 گېكتار قۇم مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۈچ شىمال ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا 805 مىڭ گېكتار يەردە ئورمان بەرپا قىلىندى.

  2018-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. قۇم-بوران ئاپىتىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش پائال ئۈنۈملۈك بولدى. ئورمان سۈپىتىنى تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈش سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش ۋە ئورمان ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىزچىل ياخشى بولدى، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، قوغدىلىدىغان يەر سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش داۋاملىق كۈچەيتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر