باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەچەكنىڭ ئۈمىدىنى مائارىپقا يۈكلەش كېرەك

2019.03.14 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: تېخىمۇ ئادىل ۋە تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغان مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا،خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىجابىي ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە مائارىپنىڭ قانۇنىيىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. بىز قىممەتلىك مەبلەغنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق، كېلەچەكنىڭ ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا،تېخىمۇ ئادىل ۋە تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغان مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق تۈردە %4تىن يۇقىرى بولدى، مەركەز مالىيەسىنىڭ مائارىپ چىقىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. بىز قىممەتلىك مەبلەغنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، كېلەچەكنىڭ ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك .

  ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: تېخىمۇ ئادىل ۋە تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغان مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا، خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىجابىي ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە مائارىپنىڭ قانۇنىيىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تەمىناتىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن كېڭەيتىشتە، مەيلى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر بولسۇن ياكى پۇقراۋى يەسلىلەر بولسۇن، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، ھەق ئېلىش مۇۋاپىق بولۇش، ئاتا ـ ئانىلار خاتىرجەم بولۇش دېگەنلەرگە ئەمەل قىلىنسىلا، ھۆكۈمەت ئۇلارنى قوللىشى كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى بۇ سۆزلەر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇشتىكى يادرولۇق مەسىلە بولسا،خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىگە بولغان"يېقىن ئەتراپتا بولۇش، قىممەت بولماسلىق، بىخەتەر بولۇش ۋە سۈپەتلىك بولۇش" دېگەندەك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشتۇر. بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئەزا ليۇ يەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى بولۇپ قالىدۇ. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: يېزىلاردىكى نامرات رايونلاردا تۇرىۋاتقان بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىغا بولغان سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش كېرەك. يېزىلاردىكى نامرات رايونلاردا تۇرىۋاتقان بالىلار مەسىلىسىگە ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چاڭماۋ مۇنداق دېدى: جايلار سىياسەت تۈزۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلار، يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا ياردەم بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات بالىلار ئائىلىسى چوقۇم تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ھەمدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە بېقىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ ياخشى سىياسەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئەزا جاۋ چاڭماۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى چوقۇم نامرات بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلاردىكى بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى نامرات بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر