باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا لو يوڭجاڭ راكقا قارشى بەدەن تەكشۈرۈشىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش لازىم، دېدى

2019.03.14 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى لو يوڭجاڭ: «بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان راك كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە»، دېدى.

  ئەزا لو يوڭجاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: راكقا قارشى بەدەن تەكشۈرۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىكى يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، بازار ئىجازىتى تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش لازىم. سىياسەت قاتلىمىدىن كۆپ تەرەپلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، راكقا قارشى بەدەن تەكشۈرۈشنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، راكقا قارشى بەدەن تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ راكقا قارشى بەدەن تەكشۈرۈش بىلەن دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش لازىم؛ ئومۇمىي خەلق راكقا قارشى بەدەن تەكشۈرۈش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش لازىم؛ راكقا قارشى بەدەن تەكشۈرۈشنى تەدرىجىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم. راك كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلار، يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىن باشلاشقا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر