باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

2019.02.25 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ نامراتلىق نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %26.4 تىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا %2.5 كە چۈشتى. ھازىرغىچە، 13 نامرات ناھىيە، شەھەر، رايون نامراتلىق قالپىقىنى ئوڭۇشلۇق چۆرۈپ تاشلىدى، 526 نامرات كەنت نامراتلار قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، 176 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  چىڭخەيدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 379 مەمۇرىي كەنتنىڭ ھەممىسىدە كەنت يوللىرى قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، تاشيول تۇتاشتۇرۇش، سۇ، توك يەتكۈزۈش نىسبىتى %100 كە، ئۇچۇر يەتكۈزۈش نىسبىتى %99 كە، رادىيو، تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش نىسبىتى %100 كە يەتتى.

  2016-يىلى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. باش شۇجى چىڭخەينىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى رايونى پىلانىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئالدىدا مېڭىش رايونى، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىش رايونى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە ئالدىدا مېڭىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللىي رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، چىڭخەيدىكى كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چىڭخەي زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولدى.

  يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى زادو ناھىيەسى لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى ھەر كۈنى 20 توننا ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، چىقىرىش، مۇھىت ئاسراش كۆرسەتكۈچى خەلقئارانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يەتكەن.

  چىڭخەي ئۆلكىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى تاڭ ۋەنفېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، چىڭخەي ئۆلكىسى سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، سۇ بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ۋە تۈزەشنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونى، چىڭخەي كۆلى ۋادىسى، چىليەنشەن تاغلىق رايونى، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىمى ۋە خۇاڭشۈي دەرياسى ۋادىسىدا مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئوڭشاش، كۆل سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قاتارلىق 135 تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا سۇ مۇنارى سۈيىنىڭ دائىم پاكىز تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ئەتىۋارلىق تۈرلەر ماكانلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك، ياخشى ئاسراش ئۈچۈن، 2018-يىلى 5-ئايدا، گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مادو ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جالىڭ كۆلى، ئېلىڭ كۆلى، شىڭشىڭ كۆلى تەبىئىتى قوغدىلىدىغان تارماق رايونلىرىدا ساياھەت پائالىيىتى قىلىشنى چەكلىدى.

  2016-يىلى، ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، مادو ناھىيەسىدىكى ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئاددىي چارۋىچى چارۋا بېقىشنى تاشلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلاندى. ئۇلار ھەر ئايدا 28 كۈن چارلاپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى مۇھاپىزەت قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسى نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلدى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەيدۇڭ شەھىرى لېدۇ رايونى جۇڭبا يېزىسى خۇڭشۈيپىڭدىكى 124 ئائىلە خەتەرلىك توپا ئۆيلەر بىلەن خوشلىشىپ، ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  2016-يىلىدىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسى 52 مىڭ ئائىلىدىكى 200 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى دەل يۆلەشكە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋە ئېكولوگىيەلىك يۆلەشنى يولغا قويدى. ھازىرغىچە، 13-بەش يىللىق پىلاندىكى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ %97 نى ئورۇنلاپ بولدى.

  چىڭخەي ئۆلكىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 208 كەنتتە يېزا-كەنت ساياھىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 120 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى ساياھەتتىن نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسى نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنى جەمئىي 74 مىڭ ئادەم قېتىم، بېيىش باشلامچىلىرىنى تۆت مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن تەربىيەلىدى، تەربىيەلەنگەن %70 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى تېپىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %60 تىن ئاشتى.

  تۇرمۇش ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقى تېخىمۇ پۇختىلاندى. 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى چۈمالەي ناھىيەسىدىكى تۇغۇتلۇق ئايال دوجى كەنجو چىڭخەي داشۆسى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە ئاپىرىلدى، ئۇنىڭ يېنىدا ئەمدىلا تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋىقى بار ئىدى. كېسىلى ئېغىر بولغانلىقتىن، دوجى كەنجو بالىسىنى ئېمىتىشكە ئامالسىز ئىدى. يېقىندا پەرزەنتلىك بولغان سىستېرا لى خۇي بۇ زاڭزۇ ئوغۇل بوۋاقنىڭ قورسىقى ئېچىپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئېمىتتى، بۇ ئىللىق مەنزىرە نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  چىڭخەيدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر پۈتۈن ئۆلكە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %47 نى ئىگىلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى سىغدۇرۇپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشلارغا ئايلىنىش، ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولۇش، ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئومۇملۇق، يىراق كەلگۈسى ۋە ئاساسقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيە قىلىپ، زاڭزۇلار رايونى قاتارلىق مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

  نۆۋەتتە، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 379 مەمۇرىي كەنتنىڭ ھەممىسىدە كەنت يوللىرى قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، تاشيول تۇتاشتۇرۇش، سۇ، توك يەتكۈزۈش نىسبىتى %100 كە، ئۇچۇر يەتكۈزۈش نىسبىتى %99 كە، رادىيو، تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش نىسبىتى %100 كە يەتتى. يەسلى مائارىپى، داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەت سورۇنلىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر