باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇخەي دېڭىزنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2019.02.25 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا بۇخەي دېڭىزنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، جايلاردىن بوخەي دېڭىزنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، تىيەنجىن، خېبېي، شەندۇڭ، لىياۋنىڭدىن ئىبارەت تۆت جاي بۇخەي دېڭىزىغا كىرىدىغان بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىنى تازلاش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «بوخەي دېڭىزنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت پىلانى»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئۈچ يىل ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق، قۇرۇقلۇقتىكى بۇلغىمىنىڭ دېڭىزغا كىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىپ، دېڭىزغا كىرىدىغان دەريا ئېقىنلاردىكى ناچار بەش تۈرىدىكى سۇ كۆرۈنەرلىك ئازايتىلىدۇ، 2020-يىلغىچە، بوخەي دېڭىزغا يېقىن سۇ ساھىلىنىڭ سۈ سۈپىتىنىڭ 1-،2- سۇ سۈپىتى دەرىجىسىگە يېتىش نىسبىتى تەخمىنەن %73كە يەتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە تىيەنجىن، خېبىي، شەندۇڭ،لىياۋنىڭ قاتارلىق بوخەي دېڭىزى بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر «ھەرىكەت پىلانى» رامكىسىدا مۇناسىۋەتلىك تەپسلىي تەدبىر ۋە لايىھەلەرنى چىقىرىپ، بوخەي دېڭىزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ قايتا يامانلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «پاكىز بۇخەي دېڭىزى، ساغلام بوخەي دېڭىزى، بىخەتەر بوخەي دېڭىزى» ئىسراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر