باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035» ئېلان قىلىندى

2019.02.25 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «جۇڭگو مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035»نى ئېلان قىلدى. «جۇڭگو مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035»دا، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقا، ھەممە ئادەمگە يۈزلىنىشكە، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتوشقا، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتقا، بىرلىكتە قۇرۇپ تەڭبەھىرلىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت سەككىز چوڭ ئاساسى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي نىشانى: 2020-يىلغىچە، «13-بەش يىللىق» تەرەققىيات نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ئەمگەك يېشىدىكى نوپوسنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇھىم تۆھپە قوشۇش. مۇشۇ ئاساستا، يەنە 15 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 2035-يىلغىچە، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ، ئېلىمىزنىڭ ئۆگىنىش جەھەتتىكى چوڭ دۆلەت، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەت ۋە ئىقتىساسلىقلار جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر