باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىلى شىنجاڭدا نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنىڭ سانى 380 مىڭدىن ئاشتى

2019.02.25 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىمكەش ئاپتوموبىلنى كۆچۈرۈشكە چەك قويۇش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، سودا بازارلىرى جانلاندى.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پىكىردە نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نىمكەش ئاپتوموبىللارنى يۆتكەشنى چەكلەش سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باشقا جايدا نىمكەش ئاپتوموبىل يۆتكەشنى تىزىملاشنى بېجىرىشتە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نوپۇسىنى چۈشۈرىدىغان جايدىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدۇ؛ نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبوروتى ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، «نىمكەش ئاپتوموبىل» ئېلېكتىرونلۇق سودىسى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر