باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى پۇرسەتنى تېز كۆرۈڭ

2019.02.25 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت ئۈمىدكە تولغان بۇ زېمىنغا بولغان ئىنتىلىشىنى ئاشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا قارىتا نۇرغۇن تەلەپ ۋە كونكرېت يۆنىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، دادۇر گۈللەندۈرۈش پىلانى، ئەقلىي يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھىتى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئالاقىدار ساھە، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى چوڭقۇر قېزىشىغا ئەرزىيدۇ.

  يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى كۆتۈرۈش

  مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا قارىتا نۇرغۇن تەلەپ ۋە كونكرېت يۆنىلىشلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىشقا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى جەھەتتە، دادۇر گۈللەندۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەن–تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە، «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى » ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دادۇر گۈللەندۈرۈش پىلانى شۇ ساھەدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خەن تيەنفۇ باش مۇتەخەسسىس مۇنداق دەپ قارايدۇ: نەزەرىيە جەھەتتە شەرقىي شىمال رايونىدا دادۇر ، كۆممىقوناقنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشنى يولغا قويۇپ، دادۇر كۆلىمىنى 120 مىليون موغا كېڭەيتكىلى بولىدۇ؛ خۇاڭخې، خۈەيخې، خەيخې تۈزلەڭلىكى كۈزگى بۇغداي رايونىدا بۇغداي، پۇرچاقتا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، دادۇر كۆلىمىنى 90 مىليون موغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئانالىزچىسى يىن رۈيفېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە دادۇرنىڭ مو بېشى ساپ پايدىسى شال ۋە قوناقنىڭكىدىن تۆۋەن بولدى، 2014-يىلىدىن باشلاپ تېرىشتا زىيان تارتىش ھەجىمى تەدرىجىي كېڭەيدى. بۇنىڭدىن كېيىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە، ئېلىمىزنىڭ ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇشتەك زىددىيەتنى ھەل قىلىش تەس، پەقەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، دادۇرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ دادۇرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈپ يولىدۇر.

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى يېزا ئىگىلىكىگە پەن-تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈش بولۇپ، شۇنداقلا ئۇرۇقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىقلارنى بۇ ساھەدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى پەن-مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لياۋ شىيۈەن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پەقەت تۈپتىن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، ساننى كۆپەيتىشنى ئاساس قىلىشتىن سۈپەت-مىقدار ئۈنۈمىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئاشلىق، يەم-خەشەكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە چوڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئۆزگەرتىش، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىققا پۈتكۈل جەريان ۋە تولۇق ئامىلنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆججەتتە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكىدە ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى يېتىلدۈرۈش، جانلىقلار باقمىچىلىق كەسپى، ئېغىر تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى، يېشىل سېلىنما بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى.

  رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىمۇ «شامال ئېغىزى»نى كۈتۈۋالدى. 2018-يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۇقۇمى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇ يىلى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى. بۇ يىللىق ھۆججەتتە نامراتلىقنى يۆلەش سىياسىتى جەھەتتە تېخىمۇ كونكرېت بولۇپ، «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تورىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، داۋاملىق ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرىشىدە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئالاقە تورى +» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەنتتىن چىقىپ شەھەرگە كىرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چۈ دۇڭيۈنىڭ قارىشىچە، يېزا ئىگىلىكىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزا تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىز بولۇپ، شەھەر-يېزا ئارىسىدىكى پەرق ئەڭ گەۋدىلىك، شۇڭا چوقۇم رەقەملىك يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇمۇ تۈرلۈك يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە كارخانىلارنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يېزا ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى

  بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ نىسبىتى 1 : 2.3 بولۇپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھەت تىجارەت كىرىمى 800 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى يېزا-كەنت كەسىپلەر تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زېڭ يەندى مۇنداق دېدى: يېزا-كەنت كەسىپلىرى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا يېزا - كەنت ئۆزگىچە كەسىپلەر، يېزا - كەنت يېڭى تىپتىكى مۇلازىمەت كەسپى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى يېزا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يې شىڭچىڭنىڭ قارىشىچە: يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە، پەقەت يېزا ئىگىلىكىگىلا كۈچەشكە بولمايدۇ، يەنە ئىقتىسادنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بىراق، ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشتە خۇددى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى يېزا-بازار كارخانىلىرىغا ئوخشاش «ھەممە كەنتلەرد ئوت يېقىش، ھەممە ئائىلىدە تۈتۈن كۆتۈرۈلۈش»كە بولمايدۇ، «ئىلگىرى بىز دىققىتىمىزنى كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراتقان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەت- ساياھەتچىلىكى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش يېتەرلىك بولمىغان ئىدى. يېڭى دەۋردە يېزا ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېزىلاردىكى تەبىئىي بايلىق ۋە مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ ئالدى- كەينىگە ئۇزارتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى كۆپ مەنبەلىك قىممەتنى قېزىپ، يېزا كەسىپلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم».

  ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى يېزا ئىقتىسادىدىكى 2-كەسىپ بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنى تۇتاشتۇرىدۇ ھەم سانائەت، ھەم دېھقانچىلىق بولۇپ، ئىزچىل يېزا ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ كەلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى يېزا ئىگىلىك، ئوبوروت، پەن- تېخنىكا، مائارىپ ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، زور مىقداردا يېڭى ئەندىزىلەر بارلىققا كەلدى. توردا ۋە ئەنئەنىۋى شەكىللەر، مەۋھۇم ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، ھەمبەھىر يېزا ئىگىلىكى، ھېس قىلىش يېزا ئىگىلىكى، شەخسىي زاكاز قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر بارلىققا كەلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ، تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر