باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى سۇدان زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى فايسال بىلەن كۆرۈشتى

2019.01.29 17:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 28-يانۋار بېيجىڭدا، سۇدان زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى فايسال بىلەن كۆرۈشتى.

  فايسال سۇدان ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سۇدان ۋەزىيىتى پۈتۈنلەي تىزگىنلەندى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى نورمال ھالەتكە قايتتى. سۇدان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان سۇداننىڭ دۆلەتنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-سۇدان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى. سۇداننىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق سۇداننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، سۇداننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ سۇداننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق سۇدانغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر