باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ خې يولۇچىلارغا خۇددى ئائىلىسىدەك ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش لازىم، دېدى

2019.01.21 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې 20-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا، چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قاتناش-تىرانسپورت كەسپىگە تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت سۈپىتى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان يىللىق چوڭ سىناقتۇر. ھەر دەرىجىلىك قاتناش- تىرانسپورت تارماقلىرى ۋە تىرانسپورت كارخانىلىرى مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى قاراشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاغانلىق تىرانسپورتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا خۇددى ئائىلىسىدەك ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرۇش لازىم.

  ليۇ خې ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسى، سىخۇي قاتناش تۈگۈنى، پايتەخت ئايرودرومى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، چاغانلىق توشۇشنى تەشكىللەش، بىخەتەرلىك كاپالىتى، تىرانسپورتنى جىپسىلاشتۇرۇش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، پويىز، ئايروپىلان كۈتۈۋاتقان يولۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلاردىن چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى ۋە يول يۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلى سورىدى ھەمدە پىدائىيلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە قاتناش- تىرانسپورت كەسپىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى. ليۇ خې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2019-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مىقدارى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە قىسمەن جايلاردا ھاۋارايى ئەھۋالى مۇقىم بولماي، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يامغۇر، قار، مۇز، تۇمان قاتارلىق ناچار ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى ياخشى تەشكىللەپ ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. جايلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، زىچ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرىغا قارىتا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە خىراجەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر