باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ خىل تەدبىرلەر قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ

2019.01.15 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى، ئېلىمىز شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليون 610مىڭ كۆپەيدى، يىل ئاخىرىدا شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى % 3.8 بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشتى. بازارنىڭ ئادەمگە بولغان ئېھتىياج ھەسسىلىك نىسبىتى ئىزچىل 1 دىن يۇقىرى بولدى، ئىش ئورنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولدى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولىۋاتقان ئەھۋالدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى جاڭ جىنەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، بۇلتۇر بىر يىلدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليون 610 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 100 مىڭى كۆپەيدى، بۇ ئۇدا 6-يىلى بولۇپ، ھەر يىلى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليوندىن ئاشتى.

  2019-يىلى، ئېلىمىزدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مىقدارىنىڭ بېسىمى يەنىلا ئېغىر، قۇرۇلمىلىق زىددىيەت تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» تا ئالدىنقى ئورۇنغا، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى. ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تېخىمۇ پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. جاڭ جىنەن مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزدىن تەتقىق قىلىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇل سوممىسىنى ئۆستۈرىدۇ، شەخسىي قەرز پۇل سوممىسىنى 100 مىڭ يۈەندىن 150 يۈەنگە كۆپەيتىدۇ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل سوممىسىنى 2 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلار ئارا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى سېلىقىنى مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر