باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمىتى ئېلان قىلىندى

2019.01.15 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى يىغىنىدا دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ 2019-يىللىق ئالتە چوڭ نۇقتىلىق خىزمىتى ئېلان قىلىندى، ئۇلار سۇغۇرتا ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى مۇستەھكەملەش؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاھالىلەر داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سېتىۋالغۇچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جاننى قۇتقۇزىدىغان، تېز قۇتقۇزىدىغان ياخشى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ دورىغا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى دۆلەت تەشكىللەپ نۇقتىدا سىناق قىلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى باھالىق داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنى ئوبوروت قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ بېجىرگۈچىلەرنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ياخشى قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  2018-يىلى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى سۆھبەتلىشىپ باھا تالىشىش، باشقا جايدا راسچوت قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنى دورا ئىشلىتەلەيدىغان، كېسىلىنى ئاسان كۆرسىتەلەيدىغان قىلدى. راكقا قارشى 17 خىل دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ B تۈر دەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %56.7 تۆۋەنلىدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە سۆھبەتلەشكەن راكقا قارشى دورىنىڭ 600 مىڭ قۇتىدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەنلىكى، پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئادەم(قېتىم) سانىنىڭ 1 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر