باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى چىڭىتىش كېرەك

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا

2019.01.15 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى تۈپ ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاشتىكى مۇھىم كاپالىتى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، «ئىككى»نى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئابىستراكىت نەرسە بولماستىن، بەلكى كونكرېت ئىش. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چوقۇم بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆزىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىشى، ئۆزىگە تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئالاقىدار بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى روشەن ياخشىلىدى، لېكىن «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ». كۆزىتىپ نازارەت قىلىش، كۈندىلىك نازارەت قىلىشتىن بايقالغان مەسىلىلەردىن قارىغاندا، بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئالاقىدار بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشىدا پەرق يەنىلا مەۋجۇت. مەسىلەن، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قۇرۇق شوئار توۋلاش، كۆڭۈل قويماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق، كۈچىمەسلىك، شەكىلۋازلىق قىلىش، كۆز بوياپ تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلار مەۋجۇت؛ يەنە مەسىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا كۆز بويامچىلىق قىلىش، ئۆزگەرتىش، تاللاش ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت، بەزىلىرىدە ھەتتا قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويۇش، كەينىگە سۆرەش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت؛ مەسىلەن، رەھبەرلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئارىلىشىش قىلمىشلىرى، پىرىنسىپسىزلىق قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھايانكەشلىك قىلىش، ھەتتا ئومۇمنىڭ ھېسابىغا مەرتلىك قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار ئائىلە ئەزالىرى، تۇغقانلىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشتا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ تۈپ ئاساس شۇكى، قىلما دېگەننى قىلماسلىق؛

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر