باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايونلارنى باشقۇرۇشنىڭ چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2018.12.26 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايونلارنى باشقۇرۇشنىڭ چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ )نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  مەزكۇر «چارە»دە،مەلۇم جاينى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايون قىلىپ بېكىتىشكە ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۇنى تەسىس قىلىشنىڭ شەرتلىرى ۋە تەرتىپلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدا، مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايونقىلىپ بېكىتىشكە ئىلتىماس قىلىنىدىغان جاي چوقۇم ياخشى بولغان مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسى رايونى خاراكتېرىدىكى بىر پۈتۈن قوغداش خىزمىتى ئاساسىغا ئىگە بولغان بولۇش، ھەمدە چوقۇم مەزكۇر ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ئىچىدە مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسى رايونى خاراكتېرىدىكى بىر پۈتۈن قوغداش خىزمىتىنىڭ يولغا قويغانلىقىغا ئىككى يىلدىن ئارتۇق بولغان بولۇش ۋەئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان بولۇش كېرەكلىكى بەلگىلەندى؛ مەلۇم جاي مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايون قىلىپ تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگاننىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تارمىقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدۇ؛ شۇنداق جاينىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت تارماقلىرى شۇ چاغدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولسا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شۇ جاينىڭ شۇ چاغدا مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايون سالاھىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ ھەمدە شۇ جايغا ۋىۋىسكا بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر «چارە»دە يەنە مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايوننى قۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، ئاساسىي ۋەزىپىلىرى ۋە تەدبىرلىرىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەمدە مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايوننى قۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى قۇرۇشنىڭ، ھەم شۇنداقلا مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايوننىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەھۋاللىرى ۋە ئۇ خىل قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشمۇ تەلەپ قىلىندى.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك رايوندىن 21نى قوغداشتىكى تەجرىبە رايونى قىلىپ قۇرۇشنى تەستىقلىدى. ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەردىمۇ مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك قوغداش رايونلىرىدىن 146سى تەسىس قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر