باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.12.26 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەستايىدىل بويسۇنۇش ۋە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنىچى باپ ئومۇمى پىرىنسىپ

  1- ماددا، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىكسېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى نىزامنامىسى (سىناق تەرىقسىىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمەت نىزامى» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-نىزاملار ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» قاتارلىق دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسەن، بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىرىلدى.

  2- ماددا، سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى بىرلىكسەپ خاراكتېرىدىكى سىياسىي شۆيۈەن بولۇپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ بىرلەشمە پارتىيە مەكتىپى، بىرلىكسەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي بازا، پارتىيەنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم تارمىقى، پارتىيە ۋە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  3-ماددا، سوتسىيالىزم شۆيۈەنلىرى خىزمىتىدە چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكسەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بازىلىرى، نەزەرىيە تەتقىقات بازىلىرى، فاڭجېن-سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش بازىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش لازىم.

  بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر