باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرلەر بويىچە كېمەيتىشتە كېچىكىپ مەلۇم قىلسا قانداق قىلىدۇ؟ باج باش ئىدارىسى تولۇقلاپ مەلۇم قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.12.25 18:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 24-دېكابىر چۈشتىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئېچىپ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ لىخۇا ۋە دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ باش مەسئۇل مۇپەتتىشى ليۇ جيەننى گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان ۋاقىتلىق چارىسى»نى تونۇشتۇرۇشقا ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سوئال سورىدى: 1-ئاينىڭ بېشىدا مائاش تارقىتىدىغان ئورۇنلارغا نىسبەتەن بىز شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرلەر بويىچە كېمەيتىش يېڭى سىياسىتىمىزدىن بەھرىلىنەلەمدۇق؟ بۇ سوئالغا قارىتا، باج باش ئىدارىسى تاپاۋەت بېجى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لو تيەنشۇ مۇنداق دېدى: ۋاقىت قىس بولغانلىقتىن، كۆپچىلىكنى ئىمكانقەدەر بىرىنچى ئاينىڭ بېشىدا مائاش ئالغاندا شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرلەر بويىچە كېمەيتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باج تارماقلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن بىر قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  لو تيەنشۇ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېچىكىپ مەلۇم قىلسىمۇ تولۇقلاپ بېرىشكە بولىدۇ. ناۋادا بەزى باج تاپشۇرغۇچىلار بۇ مەزگىلدە چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ياكى كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن سەۋەبلىك ئۇچۇرنى مەلۇم قىلالمىغان بولسا، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كېلەر ئايلىق مائاشى چىققاندا بىر قېتىمدىلا تولۇقلاپ پۇل تۇتسا بولىدۇ، شۇ ئايدا تولۇقلاپ تۇتۇپ بولالمىغان بولسا، كېيىنكى ئايدا داۋاملىق تولۇقلاپ پۇل تۇتسا بولىدۇ، تاكى سىز بارلىق باج كېمەيتىش سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغانغا قەدەر ئۇچۇرىڭىزنى تولۇقلاپ مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ، بىر تىيىن ئاز بولمىغان ھالدا كۆپچىلىكنىڭ بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر