باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى: نامراتلارنى يۆلەش مەسىلىسى سەۋەبىدىن 649 ئادەم (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىندى

2018.12.25 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇ زېجۈن 24- دېكابىر مۇنداق دېدى: 2017ـ يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسىنى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىپ تەرتىپكە سېلىنىش ئەھۋالى دوكلاتىدا، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مەبلەغ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان 649 ئادەم (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىندى.

  خۇ زېجۈن شۇ كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىدا ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنىڭ تۈزىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۆكتەبىرگە قەدەر، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە، ئالاقىدار يەرلىكلەرنىڭ ئۆزگەرتىپ تۈزەتكەن مەسىلىلەرنىڭ مەبلەغ سوممىسى 15 مىليارد 489 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭدا، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى 151 تۈر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى 185 تۈرلۈك سىياسەت مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 649 ئادەم (قېتىم) جازالىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم جايلاردا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ئالاقىدار يەرلىكلەر نامرات ئائىلىلەر بىلەن مەنپەئەتنى چېتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغنى قايتۇرۋېلىش، ئەسلىدىكى مەبلەغ يولىغا قايتۇرۇش، مەبلەغ ئاجراتقاندىن كېيىنكى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا ئائىت كېلىشىملەرنى تولۇقلاپ ئىمزالاش دېگەندەك يوللار ئارقىلىق، ئۆزگەرتىپ تۈزەتكەن مەسىلىلەرنىڭ مەبلەغ سوممىسى 1 مىليارد 92 مىليون يۈەنگە يەتكەن. نامرات ئائىلىلەرگە بىۋاسىتە تارقىتىپ بېرىلىدىغان 315 مىليون يۈەنلىك «قان ئىشلەش» مەبلىغى مەسىلىسىگە قارىتا، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ پايدىسىنى تەقسىملەش لايىھىسىنى تەڭشەش ۋە نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش تەدبىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ تۈزىتىش قىلدى.

  خۇ زىجۈن مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار يەنە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ۋە نامراتلارنى يۆلەپ نامراتلىقنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى دەل جايىدابولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر