باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۈچ پارچە يەر» ئىسلاھاتى، «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»، «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش

__ يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش ھەققىدىكى يېڭى ئارزۇلارغا نەزەر

2018.12.25 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى كۆپ تۈرلۈك قانۇن لايىھەلىرى ۋە دوكلاتلار قاراپ چىقىلماقتا.

  «ئۈچ پارچە يەر» ئىسلاھاتى: يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا يەر ئىشلىتىش يوللىرى كۆپەيدى

  «ئۈچ پارچە يەر» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەمەلىيىتى ھازىر يەر باشقۇرۇش قانۇنى ۋە شەھەر ئۆي- زېمىنلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتە. لۇ خاۋنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «يېزا ئىگىلىك يەرلىرىنى بازارغا سېلىشتىكى قانۇن توسالغۇلىرى سۈپۈرۈپ تازىلانماقتا»». يەر باشقۇرۇش قانۇنى، شەھەر ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىدە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يەر باشقۇرۇش قانۇنىدىكى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا يەر ئىشلىتىشتە، چوقۇم دۆلەت يېرىنى ياكى دۆلەت ئېلىۋالغان ئەسلىدىكى كوللېكتىپ يېرىنى ئىشلىتىش كېرەك، دەيدىغان بەلگىلىمە چىقىرىۋېتىلدى؛ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا سانائەت، سودا قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك ئىشلىتىلىدۇ، دەپ بېكىتلگەن ھەمدە قانۇن بويىچە تىزىملىتىلغان كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يەرلىرىگە قارىتا، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى رۇخسەت قىلىندى.

  يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ ياخشى جىپسىلىشىش ئۈچۈن، شەھەر ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىدىكى شەھەر پىلانلىنىدىغان رايون ئىچىدىكى كوللېكتىپ يەرلەرنى چوقۇم ئاۋۋال دۆلەت ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»: ھۆددە يەردىن ئۆيلۈك يەرگىچە

  يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇنىڭ بەرگەن باھاسى بويىچە ئېيتقاندا، كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر ھوقۇقى، دېھقانلارنىڭ ھۆددە يېرى ھوقۇقى ۋە يەر باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» بولسا يېزىلاردىكى يەر مۈلۈك ھوقۇقىنى بېيىتىش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈش بولۇپ، يېڭى تۈزۈمنىڭ بېكىتىلىشى يېزا يەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، يەر ئامىلى مۇۋاپىق ئوبوروت قىلىنىش، يېزا ئىگىلىك تىجارىتىدىكى كۆلەم ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» يېزا يەرلىرى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك رېئاللىشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، جۇڭگوچە يېزا يەر تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى.

  يېزا ھۆددە يېرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇقىنى ئايرىش» ئۈستىدىكى ئەمەلىي ئىزدىنىش ئاساسىدا، 2018-يىلى مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئۆيلۈك يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىلدى. ئارقىدىن، شەندۇڭنىڭ يۈچېڭ، جېجياڭنىڭ يىۋۇ ۋە دېچىڭ، سىچۇەننىڭ لۇشيەن ناھىيەسى قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلاردا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆيلۈك يەرلەرنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش باشلاندى.

  كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىگە تەۋە ئۆيلۈك يەرنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»تا ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش مۇھىم ئاساسىي خىزمەت بولدى. ئەسلىدىكى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى: جايلار ئۆي بىلەن يەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى لازىم، ھەق ئېلىشقا، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

  «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش «ئۈچ پارچە يەر» ۋە ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش ئىسلاھاتىغا مەركەزلەشتى

  بۇ يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا، بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى ۋەكىللىك سىناق نۇقتىسىنىڭ بىرى، مەملىكەت بويىچە «ئۈچ پارچە يەر» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى 33 نۇقتىنىڭ بىرى، يېزا ھۆددە يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىشتىكى 232 سىناق نۇقتىسىنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئەسلىدىكى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە قانات يايدۇرغان كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىدىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.

  بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، مۆلچەرلىنىشىچە داشىڭنىڭ «ئۈچ پارچە يەر» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى ئۇزارتىلىدىكەن، «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش سىنىقى ھوقۇقى بەرگەن ۋاقىتتىن تارتىپ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن رەسمىي توختىتىلىدىكەن. مەركىزىي بانكا ۋە بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ، يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇشىنىڭ تارقاق ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىشتىن تەدرىجىي ھالدا مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىككە ئۆزگىرىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتكەن، ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قەرز پۇل سوممىىسى نۇقتىدا سىناق قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەندىن ھازىرقى 500 مىڭ يۈەنگە كۆتۈرۈلگەن، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ قەرز پۇل سوممىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ يۇقىرى 10 مىليون يۈەندىن 20 - 50 مىليون يۈەنگىچە كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا مەدەت بەرگەن. «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش ئارقىلىق، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە ئېرىشىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. خۇنەن ئۆلكىسى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، «ئىككى ھوقۇق»نى رەنە قويۇپ قەرز ئېلىشنى قوللىغان يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى ئۆلكە بويىچە جەمئىي مىڭغا يېقىنلاشتى.

  «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش سىنىقى ياكى ھوقۇق بېرىش مۇددىتى ئۇزارتىلمايدۇ، چۈنكى نۆۋەتتە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈۋاتىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ناۋادا ئوڭۇشلۇق ئۆتسە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاخىرلاشقاندا، يېزا يېرىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش كەسپىدە قانۇن جەھەتتىكى توسالغۇ ئاساسەن تۈگەيدۇ، مەركىزىي بانكا ۋاقتىدا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش كەسپى ئۆيلۈك يەرنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئىسلاھاتى ئىچىدە بىر تۇتاش ئويلىشىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر