باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولدى

يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىمىز (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە __ يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

2018.12.25 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىز چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىلدى، پارتىيە نىزامنامىسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىلىبنامىسى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى».......

  يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، يېڭى ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىش. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغان بىر يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى، يېڭى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» «مۇتلەق كۆپ سانلىقلار»نى يېتەكلەپ، باش بولۇپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى

  بىر يېڭى دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشى دائىم يېڭى ئىدىيەنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بەلگە قىلىدۇ. بىر دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدە چوقۇم يېڭى ئىدىيە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ۋە 1-دەرىجىلىك چوڭ ئىش. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچنى ئۆگىنىپ چىقىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى بەجانىدىل ئادا قىلىشنى ئۆگىنىپ چىقىش، ئويلاش، پىلانلاشقا ماھىر بولۇپ، ماھىرلىق بىلەن ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆگىنىپ چىقىش كېرەك.

  ئىشلاردا ئۆزى باشلامچى بولمىسا، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ «باشلامچى غاز» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، ئالدىن ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەۋھىرى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك. بۇ يىل 11-ئايغىچە، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 1700 قېتىمدىن ئارتۇق مەركەزلىك ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ساھە، تېما، قاتلامغا ئايرىپ مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى بۆلۈنۈپ باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، نۇقتىلىق سۆز قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «4+N» ئەندىزىسى بويىچە، تۆت نۇقتىلىق مەخسۇس تېمىغا ئايرىپ كوللېكتىپ ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلدى ۋە جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر