باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى: ھەر قايسى جايلار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان 59 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ مەسىلىسىنى ئۆزگەرتىپ تۈزەتتى

2018.12.25 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇ زېجۈن 24- دېكابىر مۇنداق دېدى: 2017- يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسىنى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىپ تۈزىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتتا، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا جايلار پائال ھەرىكەتلىنىپ ئۆزگەرتىپ تۈزىتىش قىلدى. نەتىجىدە، 59 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ مەسىلىلىرى ئۆزگەرتىپ تۈزىتىلدى.

  خۇ زېجۈن شۇ كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىدا ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە تەكشۈرۈپ بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىپ تۈزىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۆكتەبىرگە قەدەر، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ساھەسىدە، جايلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزىتىلگەن مەسىلىلەرنىڭ مەبلەغ سوممىسى 59 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى، 525 ئادەم (قېتىم) جازالىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى، 494 تۈرلۈك ئالاقىدار تۈزۈم ۋە تەدبىرلەر تۈزۈپ چىقىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىگىلىۋالغان، يۆتكەپ ئىشلەتكەن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېرىشكەن ۋە ئىشلەتمەي بوش تاشلاپ قويغان مەبلەغ ۋە تۇرالغۇ جاي مەسىلىلىرىگە قارىتا، جايلار تاپشۇرغۇزۇش، ئاجرىتىپ بېرىش ۋە ھېسابنى تەڭشەش قاتارلىق تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش نەتىجىسىدە، ئومۇمىي سوممىسى 41 مىليارد 675 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ مەسىلىسى ئۆزگەرتىلىپ تۈزىتىلدى، 17 مىليارد 712 مىليون يۈەنلىك مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش پىلانى ئېنىق قىلىندى. بۇلار قۇرۇلۇش سۈرئىتى بويىچە پۇل ئاجرىتىپ بېرىشتە ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر