- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-ئايدىن 11-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا سوممىسى 13 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشتى
2018.12.26 15:45 مەنبە: خەلق تورى
25-دېكابىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا دېلولىرىغا جەمئىي 166 مىڭ 210 پارچە جازا قارارنامىسى چۈشۈرۈلگەن، جەرىمانە ۋە مۇسادىرە سوممىسى 13 مىليارد 597 مىليون يۈەن بولغان.
ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 25-دېكابىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 2018-يىلى 1-ئايدىن 11- ئايغىچە بولغان مۇھىتقا دائىر مەمۇرىي جازا دېلولىرى ۋە «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»نىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چارىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. مەمۇرىي جازا سالمىقى بىر قەدەر زور بولغان ئۆلكىلەر تۆۋەندىكىچە: جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، خېبېى، شەندۇڭ، جېجياڭ. بۇنىڭ ئىچىدە، جياڭسۇ (1 مىليارد 973 مىليون يۈەن)، گۇاڭدۇڭ (1 مىليارد 537 مىليون يۈەن)، خېبېي (1 مىليارد 253 مىليون يۈەن) ، شەندوڭ (1 مىليارد 25 مىليون يۈەن) قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى مۇسادىرە قىلىنغان پۇل سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. كونكرېت ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي جازا دېلو سانى ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغان ۋىلايەت، شەھەرلەر تۆۋەندىكىچە: گۇاڭجۇ شەھىرى، شىجياجۇاڭ شەھىرى، دوڭگۇەن شەھىرى، سۇجۇ شەھىرى، شېنجېن شەھىرى، خەندەن شەھىرى، ۋېيفاڭ شەھىرى، چېڭدۇ شەھىرى، فوشەن شەھىرى، ۋۇشى شەھىرى؛ مەمۇرىي جازا سوممىسى ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغان ۋىلايەت، شەھەرلەر: تاڭشەن شەھىرى، سۇجۇ شەھىرى، شېنجېن شەھىرى، ۋۇشى شەھىرى، گۇاڭجۇ شەھىرى، نەنتۇڭ شەھىرى، شۈجۇ شەھىرى، دوڭگۇەن شەھىرى، شىجياجۇاڭ شەھىرى، فوشەن شەھىرى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر