باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلارنى يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە زىيارەت قىلىش ۋە ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2018.12.26 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلارنى يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە زىيارەت قىلىش ۋە ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە كادىرلىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالى ۋە تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ ۋە ھال سوراپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا،ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى ئېغىر جاپالىق رايونلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان كادىرلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن قۇربان بولغان ياكى بەختكە قارشى ۋاپات بولغان مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى نۇقتىلىق زىيارەت قىلىپ ھال سوراش كېرەك. زىيارەت قىلىش ۋە ھال سوراش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ،كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ كونا تايانچىلىرىغا ۋە كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىشقا ۋەئۇلاردىن ھال سوراشقا بولىدۇ. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزگە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن ھال سوراش پۇلى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەمدە ئۇ پۇللار يېقىندا ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار (سىستېما)نىڭ پارتكوم (خىزمەت كومىتېتى) تەشكىلات بۆلۈمىگە ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ، جايلار ۋە تارماقلار (سىستېمىلار) يۈرۈشلەشكەن مەبلەغنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، چاغاندىن بۇرۇن ھال سوراش ئوبيېكتىلىرىغا تارقىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر