باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ئېقىم كۆك سىگنالىنى تارقاتتى، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك

2018.12.26 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 6دە داۋاملىق سوغۇق ئېقىمدىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى.

  كەينى-كەينىدىن كەلگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنى قوبۇل قىلىش تەسىرىدە، 26-دېكابىردىن 30-دېكابىرغىچە ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى كۆپلىگەن رايونلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، خۇاڭخې، خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شەنشىنىڭ جەنۇبى قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ ئوتتۇرا، شەرقى قىسمى، گۇيجۇنىڭ شەرقى قىسمى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنىڭ غەربى قىسمى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربى قىسمى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 10 سېلىسىيە گىرادۇستىن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن جايلاردا 14 سېلسىيە گىرادۇستىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدۇ. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسيە گىرادۇسلۇق سىزىق خۇاڭخې، خۈەيخې لىنىيەسىدىن پەيدىنپەي جەنۇبقا يۆتكىلىپ، 30-دېكابىر، 31-دېكابىر كۈنلىرى نەنلىڭ تېغىنىڭ ئەتراپلىرىغىچە بولغان رايونلارغا يۆتكىلىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنى ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش شىمال شامىلى، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا 7 بالدىن 9 بالغىچە بوران چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر