باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى

— مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2018.12.26 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسلىق زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تاپقاندىلا، تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى مۇھىم بىر تەجرىبە.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ قارالدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق زىددىيىتى يەنىلا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چوقۇم تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات چارىسىنى قوللىنىپ بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىلىق ۋاسىتىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»قا كۈچ سەرپ قىلىش لازىم. بۇ ئېنىق تەلەپ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە مىزان بىلەن تەمىن ئەتتى.

  تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلىش ئاساسىدا، بېرىلگەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ماھىيەتتىن تۈزەيدىغان شىپالىق دورا. 2015-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەمىنات تەرەپلىك يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى، نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پولات-تۆمۈر، كۆمۈر «13-بەش يىللىق» ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، زور بىر تۈركۈم «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان» كارخانىلار ئېنىقلىنىپ تازىلاندى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى مۇقىم ئۆرلىدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تېز ئۆزگەرتىش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز يېتىلدى. بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەمىنلەش بىلەن تەلەپ مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇردى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى كەسىپتە ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ تەدبىرى تامامەن توغرا، بۇ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر