باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يېرىمدىن كۆپرەك نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ (گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئېلىنغان خەۋەر)

2018.12.14 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 13- دېكابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېزىلىرىدىكى 700 مىليون نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە يارىتىلدى.

  18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ بېكىتىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسىي تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: 6 يىللىق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ سانى %85تىن ئارتۇق ئازىيىدۇ، %80 ئەتراپىدىكى نامرات كەنتلەر نامراتلىق توپىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، %50تىن يۇقىرى نامرات ناھىيەلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ. نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شۇڭا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 832 نامرات ناھىيە ئىچىدە 430ى ئازىيتىدۇ، 128 مىڭغا يېقىن نامرات كەنت ئىچىدە 100 مىڭ كەنت نامراتلىق توپىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كېيىنكى قەدەمدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، ئاساسىي كۈچ تۆۋەندىكىدەك ئىككى جەھەتكە سەرپ قىلىنىلىدۇ: بىرىنچىسى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق قۇتۇلدۇرۇشقا سەرپ قىلىش. بۇنىڭدا، بولۇپمۇ «ئۈچ رايون ۋە ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر دەرىجىلىك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. بۇ رايونلاردا يەنە 334 ئېغىر نامرات ناھىيە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىشىش سەۋەبى مۇرەككەپ، نامراتلىق دەرىجىسى بەك ئېغىر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل جايلارغا قارىتا بۇ جەڭنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دائىرىسىنى قەدەممۇقەدەم كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭدا، «ئىككىدە غەم-قايغۇ قالماسلىق ۋە ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە، ئەھۋاللارنى كەنتمۇكەنت ۋە ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ۋە ئىگەللەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى ھەممە جايلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ھەمدە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىنى تەل-تۆكۈس چۆرۈپ تاشلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر