- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭجياكوۋ شەھىرى سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ جياڭ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ
2018.12.12 16:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈش كوممېتىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: خېبىي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكوۋ شەھىرى سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ جياڭ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
ۋاڭ جياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ۋاڭ جياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1960- يىلى 8- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي جاڭجياكوۋلۇق، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 1984- يىلى 3- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977- يىلى 1- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر