باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-ئايدا خەلق پۇلى قەرزى 1 تىرىليون 250 مىليارد يۈەن ئاشتى

2018.12.12 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 11-دېكابىر ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا ئېلىمىزنىڭ خەلق پۇلى قەرزى 1 تىرىليون 250 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 126 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاشقان.

  مەركىزىي بانكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەخسلەر تۇرالغۇ رەنىلىك قەرز پۇلىنى ئاساس قىلغان تۇرالغۇ تارمىقىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلى 439 مىليارد 100 مىليون يۈەن، ئەمەلىي ئىقتىساد قەرز پۇلىنى ئاساس قىلغان غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە ئورگان-تەشكىلاتلارنىڭ قەرز پۇلى 576 مىليارد 400 مىليون ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، 11-ئايدا خەلق پۇلى ئامانىتى 950 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن 614 مىليارد 800 مىليون يۈەن كېمەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە پۇل ئامانىتى 740 مىليارد 600 مىليون يۈەن، غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئامانىتى 733 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاشقان، مالىيە خاراكتېرلىك ئامانەت پۇلى 664 مىليارد 300 مىليوەن كېمەيگەن، غەيرىي بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانىتى 312 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر