باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاقىدار تارماقلار جىددىي ئىلگىرى سۈرمەكتە، تۇنجى يۈرۈش ئۆينىڭ قەرز ئۆسۈمى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش باشلاندى

شەخسلەر تاپاۋەت بېجى يېڭى دەۋرىنىڭ ئىسلاھات پايدىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا

2018.12.12 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئېلىمىز شەخسلەر تاپاۋەت بېجى يېڭى باج تۈزۈلمىسى دەۋرىنى كۈتۈۋالىدۇ، مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان ئالتە تۈر، ئۇنىۋېرسال قىسمەن تاپاۋەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، باجنى كېمەيتىشنىڭ يېڭى پايدىسى تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ يېڭى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا 20 كۈنمۇ قالمىغان، ئالاقىدار تارماقلار شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھات پايدىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتاكىغا ئۆتكەن. مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى مەخسۇس چىقىرىۋېتىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى ۋە ئالاقىدار ئېلىش-باشقۇرۇشنىڭ يانداش تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتقان، مەركىزىي بانكا قاتارلىقلارمۇ مەملىكەت بويىچە شەخسلەر تۇنجى يۈرۈش ئۆيىنىڭ قەرز ئۆسۈمى ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى باشلىغان.

  يېڭىدىن تۈزىتىلگەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، كېلەر يىلىدىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋىتىنى ھېسابلىغاندا، 5000 يۈەن ئاساسىي چىقىرىۋېتىلىدىغان ھەق بىلەن «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند» قاتارلىق مەخسۇس تۈر چىقىرىۋېتىلگەندىن باشقا، يەنە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، داۋاملىق مائارىپ، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى، تۇرالغۇ قەرز ئۆسۈمى ياكى ئۆي ئىجارە ھەققى، شۇنداقلا ياشانغانلارغا قاراش قاتارلىق مەخسۇس تۈر بويىچە قوشۇمچە چىقىرىۋېتىشتىن بەھرىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرالغۇ ئۆي قەرز ئۆسۈمى جەھەتتە، باج تاپشۇرغۇچى ئۆزى ياكى جۆرىسىنىڭ تۇنجى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي قەرز ئۆسۈمى چىقىمى ھەر ئايدا 1000 يۈەن ئۆلچەملىك نورما بويىچە چىقىرىۋېتىلىدىكەن؛ ئۆي ئىجارە ھەققى باج تاپشۇرغۇچى ئۆي ئىجارىگە ئالغان شەھەرگە ئاساسەن، ھەر ئايدا 800 يۈەندىن 1200 يۈەن نورمىغىچە چىقىرىۋېتىلىدىكەن.

  مەخسۇس چىقىرىۋېتىشنى يولغا قويۇشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار توپلىنىپ تەييارلىنىۋاتقان. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ھازىر، قىسمەن دۆلەت بانكىلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي بانكىغا ماسلىشىپ تۇنجى يۈرۈش ئۆي قەرز ئۆسۈمىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىگىلەشنى ئىستاتىستىكا قىلىۋاتقان. لېكىن، ھازىر «تۇنجى يۈرۈش ئۆي»نى قانداق بېكىتىش ۋە ئىستاتىستىكىلاشقا قارىتا ئالاقىدار تارماقلار ئېنىق ئۆلچەم بېكىتمىگەن. دۆلەت چوڭ بانكىسىدىكى بىرەيلەن مۇنداق دېدى: ھازىر مەلۇم قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار «تۇنجى يۈرۈش ئۆي، تۇنجى قېتىملىق قەرز»دىن ئىبارەت ئۆي قەرز ئۆسۈمى سانلىق مەلۇماتىنى ۋە «تۇنجى يۈرۈش ئۆي ئەمەس، لېكىن تۇنجى قېتىملىق قەرز»نىڭ ئۆي قەرز ئۆسۈمى سانلىق مەلۇماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەلۇم قىلغاندا ئىستاتىستىكا ئۆلچىمى ئىزاھلىنىدۇ. ئىگىلىنىشچە، تۇنجى يۈرۈش ئۆينىڭ ئېنىقلىمىسى ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە ئوخشاشمايدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان بانكىنىڭ تۇنجى يۈرۈش ئۆينى بېكىتىشىدىمۇ بەلگىلىك پەرق باركەن.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى چۇڭياڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دۇڭ شىمياۋ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تۆت چوڭ بانكىنىڭ ئۆي قەرزى كۆلىمى بىلەن سودا بانكىسى ئۆي قەرزى كۆلىمىنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن 4/3 ئەتراپىدا بولۇپ، چوڭ بانكىنىڭ سانلىق مەلۇماتنى ئىگىلىشى مالىيە تارماقلىرىنىڭ كۆڭلىدە سان بولۇشىغا، تەخمىنەن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش كۆلىمىنى ئىگىلىشىگە، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كەلگۈسىدە مالىيە-باج تارماقلىرى بىلەن بانكا تارماقلىرى سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللىشىپ، شەخسلەر تاپشۇرۇدىغان ماتېرىيالنىڭ مىقدارى ۋە قېتىم سانىنى ئازلىتىپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر