باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 خىل بىرىنچى: ئالاقە تورىدىكى سوت مەھكىمىسىدە ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا دەۋالىشالايسىز

2018.12.10 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كومپىيوتېرنى ئېچىپ، مائۇسنى ئاستا چەكسىڭىزلا، ئەيىبلەش، مۇرەسسە قىلىش، دېلو ئېچىش، دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش، يۈزلەشتۈرۈش، سوتتا قاراپ چىقىش، ھۆكۈم چىقىرىش، يەتكۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش قاتارلىق دەۋا ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى توردىلا تاماملاپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا دەۋالاشقىلى بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ مەۋھۈم دۇنيادا تەسەۋۋۇر قىلىنغان غايىۋىۋەقە بولماستىن، بەلكى خاڭجوۋ ئالاقە تورىدىكى سوت مەھكىمىسى ئارقىلىقلا دەۋالىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان نورمال بىر ھالەت.

  2017- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ 36- قارارلىق يىغىنىدا، «خاڭجوۋدا ئالاقە تورىدا سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنى، خاڭجوۋ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ، ئېلىمىزدە قۇرۇلغان تۇنجى ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى شياۋ جيەنگو ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن: بۇ، سوت قىلىش ئەندىزىسىدىكى بىر مەيدان ئىنقىلابىي ئۆزگىرىشتۇر. ئەدلىيە تەرتىپى ئىلگىرىكىدەك تورسىز ھالەتتىكى سۈنئىي ئۇسۇلدىن ئۆزگىرىپ، ھازىرقىدەك توردىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىققا تەرەققى قىلدى.

  جېجياڭ مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىي قىلغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ رايونغا نۇرغۇن داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى توپلاشقان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىغا چېتىشلىق ماجىرالاربۇ رايوندا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. ئىنتېرنېت ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 2016- يىلى 8- ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەركەزنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلىشى ۋە سىياسەت جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، بىر يىلدىن كېيىن، بۇ تەسەۋۋۇر ئەمەلىيلەشتى.

  خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دۇ چيەن مۇنداق دېدى: «ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش بولسا، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىشىدىكى تۈزۈلمە جەھەتتىكى بىر تۈرلۈك زور يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى مانا ئەمدى ئالاقە تورىغا چېتىلىدىغان دېلولارنىڭ دەۋا قائىدىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، قاراپ چىقىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئالاقە تورىغا چېتىلىدىغان ماجىرالارنى ھەل قىلىپ، ئالاقە تورى ۋە ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ خىل جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى دۇنياغا نامايان قىلدى».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر