باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىر قېتىملىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى دېلوسىنى قانۇن بويىچە پاش قىلدى

10 نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى

2018.12.10 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىر قېتىملىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى دېلوسىنى پاش قىلدى، جۇڭ xفېڭ، جېڭ xمۇز، گې xگاۋ قاتارلىق 10 نەپەر جىنايەت گۇماندارى جامائەت ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، توپلىشپ جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايى ئىشلارغا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى.

  10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پېڭدۇ شەھىرىدە «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي» نامىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق توپلىشىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئارىلىقتا، توپلىشىۋالغانلار قانۇنسىز نامايىش قىلىپ، جىم ئولتۇرۇۋالدى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر زوراۋانلىق بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ چېقىش قاتارلىق قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئېغىر بولغان جىسمانىي زەخىملەندۈرۈش ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق بايقىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ئىشلارغا قاتناشقان خادىملارنىڭ تەركىبى ھەر خىل، ئارقا كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت سادىر قىلىش تارىخى بار خادىملار بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ چېقىشنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىلىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، جېڭ xبىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئىشىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە زەھەر چېكىش سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ ياڭ xچىڭ 2018-يىلى 5-ئايدا زەھەر چېكىش سەۋەبىدىن تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن؛ ليۇ xلياڭ 1989-يىلى ئوغرىلىق جىنايىتى، ھارام مالنى سېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ گې xگاۋ 2010- يىلى سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى، ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان؛ چېڭ x 2018-يىلى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشقا قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر