باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سوۋغا قىلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ ئېلىشقا بولمايدۇ

2018.12.10 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۇنى ئېنىق ئاگاھلاندۇردىكى، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە «ئادەمگەرچىلىك سوۋغاتلىرى بېرىش»تەك قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ھەر قايسى جايلاردىن يەنە شۇنىمۇ تەلەپ قىلدىكى، ھەر قايسى جايلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەندە، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى يېيىپ-تىزىپ كۆرگەزمە قىلماسلىقى ۋە ئۇلارنى سوۋغا قىلماسلىقى كېرەك، پائالىيەتكە قاتناشقانلار نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ كۆرمەسلىكى ياكا ئۇلارنى سوۋغا قىلسا قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: چوقۇم كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كېرەك ۋە نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پائال قوللاش كېرەك. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مۇلازىمىتىنى پائال تۈردە ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش دائىرىسىدىكى كارخانىلار ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك، «بەرمىسە ياكى ئالمىسا ئىش قىلماسلىق» ۋە قەستەن تەڭقىسسلىقتا قويۇش دېگەندەك ناچار ئەھۋاللارنى قەتئىي توسۇش كېرەك. قىلمىشى ئېغىر بولغان ۋە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ پاش قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر