- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: 11-ئايدا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئاشتى
2018.12.10 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9– دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، يەنى 11-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ( CPI ) ۋە سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقارغان باھا كۆرسەتكۈچى ( PPI ) قاتارلىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: CPIنىڭ سېلىشتۇرما ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى%0.2لىك ئۆرلەشتىن ئۆزگىرىپ، بۇ ئايدىكى %0.3لىك تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭغان؛ CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت تۆۋەنلىگەن.ئ ۇندىن باشقا،PPI نىڭ سېلىشتۇرما ئۆرلەش نىسبىتى ۋە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتىمۇ ئازراق چۈشكەن.
سېلىشتۇرمىدىن قارىغاندا، CPI ئالدىنقى ئايدىكى %0.2لىك ئۆرلەشتىن ئۆزگىرىپ، بۇ ئايدىكى %0.3لىك تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك باھاسى % 1.2 چۈشكەن بولۇپ، CPI نىڭ تەخمىنەن 0.25 پىرسەنت پوئىنت چۈشىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن؛ يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ باھاسى %0.1 تۆۋەنلىگەن بولۇپ،CPI نىڭ 0.10 پىرسەنت پوئىنت چۈشىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر