سۈرەتتە: شېنجېن شەھىرىنىڭ شېننەن چوڭ يولى (23-ماي تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
تارىخىي تەرەققىيات ئارقىسىدا، چوقۇم مۇستەھكەم رەھبەرلىك كۈچىنىڭ يېتەكلىشى بار.
«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچ ۋە نېگىزدۇر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تارىخى ۋە ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلەپ، بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى چىقاردى.
تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق تاللىشى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى؛ ئۇلۇغۋار مۇساپە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىدە تارىخىي ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى