باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى سۆھبەتلىشىشكە جىددىي چاقىردى

ئامېرىكا تەرەپنىڭ كانادادىن جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى قاماشتەك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە جىددىي سۆھبەتلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.12.10 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لې يۈچېڭ 9- چېسلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برانستادنى جىددىي چاقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ كانادا تەرەپتىن كانادا ۋانكوۋېردا ئايروپىلان ئالماشقان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى قاماشتەك يولسىز تەلەپلەرنى قويغانلىقى ھەققىدە جىددىي سۆھبەتلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى.

  لې يۈچېڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ۋە ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك تەلەپپۇزدا ئامېرىكا تەرەپنى شۇنىڭغا دەۋەت قىلىدۇكى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەققانىي مەيدانىغا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ خاتا ئۇسۇللارنى تۈزىتىپ، جۇڭگو پۇقراسىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاي.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر