باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى زېمىنىدا گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى يېزىلدى

--گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2018.12.10 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، بىز گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سەمىمىي سالام ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمىز !

  1958-يىلى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، گۇاڭشى زېمىنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان ئىدى. 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل ۋە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ئەۋلاد مۇئەۋلاد جۇاڭزۇ پەرزەنتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى.دېمەك، گۇاڭشى زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. 2017- يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى2 تىرىليون 39 مىليارد 625 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 41 مىڭ 955 يۈەنگە يەتتى. بۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1958- يىلىنىڭ 832 ھەسسىسى ۋە 371 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ. بۈگۈنكى گۇاڭشى بولسا، ئىلگىرىكى تۆۋەن كىرىملىك باسقۇچىدىن ھازىرقى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇراھال كىرىملىك باسقۇچىغىچە، ئىلگىرىكى مەملىكەت بويىچە قاتناشنىڭ ئاخىرقى ئۇچى بولۇشتىن ھازىرقىدەك رايون خاراكتېرلىك قاتناش تۈگۈنلىرىگىچە، ئىلگىرىكى نىسپىي يېپىق چېگرا رايونىدىن ھازىرقىدەك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بويىچە ئېچىۋېتىلگەن ئالدىنقى سەپكە يۈزلىنىشكىچە، ئىلگىرىكىدەك قورسىقى توق بولالماسلىقتىن ھازىرقىدەك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشقىچە، مۇشۇنداق تارىخىي بۇرۇلۇشلارنى ئىشقا ئاشۇردى. مانا ئەمدى دەل جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

  ۋاقىت بولسا، ئۇلۇغ قەلەمكەش، تارىخ بولسا، ساداقەتمەن گۇۋاھچىدۇر. بۇ يىل ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40- يىلى بولۇپ، كېلەر يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇشۇنداق تارىخىي پەيتتە، گۇاڭشىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى ئەسلەپ ۋە يەكۈنلەپ، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، كومپارتىيەمىز ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتەن ياخشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى! ھەم شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا قەتئى تەۋرەنمەي مىڭىپ، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشتىكى توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭساقلا، گۇاڭشى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى چۇقۇم بەرپا قىلالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر