باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى يۈرەك كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ

2018.10.18 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئەگەر تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغىمۇ گىرىپتار بولغان بولسا، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشتىن كېيىنكى ئاقىۋىتى بىر قەدەر ناچار بولۇشى مۇمكىن.

  تەتقىقاتچىلار 17 مىڭ نەپەر بىمارنىڭ سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى تاللاپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ بىمارلارنىڭ ئىچىدىكى 1406 نەپەر بىماردا ئۇلارغا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش باشلانغان چاغدىلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى كېسىلى مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بىمارلار ئەسلىدە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە ئائىت خەۋپ-خەتەر ئامىلى تۈپەيلىدىن داۋالىنىۋاتقان بىمارلار ئىكەن. بۇ خىل كىشىلەر توپىغا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 6.4 يىلدىن كېيىن، تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ بايقىشىچە، گەرچە ئۇ خىل بىمارلارغا ئاكتىپ ھالدا دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان ئۇ يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىغاندىن كېيىنمۇ، ئۇلاردىكى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا بىر قەدەر ناچار بولغان، ھەتتا ئۇنداقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان. مەيلى تەتقىقات باشلانغاندىلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار بولسۇن، ياكى زىيارەت مەزگىلىدە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى پەيدا بولغان بىمارلار بولسۇن، ئۇلاردا يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ياكى ئۇلارنىڭ سەكتە بولۇپ قېلىش خەتىرى يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولمىغان بىمارلارغا قارىغاندا %15 يۇقىرى بولىدىكەن. ئەزەلدىن يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولمىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كېسەلنى قايتا يوقلىشى داۋامىدا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا، ئۇلارنىڭ يۈرىكى زەئىپلەشكەنلىكتىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ خەۋىپى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

  گەرچە «ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى داۋالاش جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپىنى نېمە ئۈچۈن ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بېكىتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ تەھلىل قىلىپ قارىشىچە، بەدەندىكى ئوكسىدلىنىش ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ياللۇغلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلار ئۇلارغا سەۋەب بولغان بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار، چۈنكى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى شۇكى، جىددىي ياللۇغلىنىش مەزگىلىدا، ياللۇغلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلار يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: دوختۇرخانىدىكى كىلىنىكىلىق داۋالاش جەريانىدا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر