باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.10.09 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى

  مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا شانلىق مەدەنىيەت يۈكلەنگەن، تارىخىي مەدەنىيەت سىڭگەن، مىللىي روھ ساقلانغان بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى قىممەتلىك بايلىق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەۋزەل بايلىق، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىشتۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەشتىكى مول ئوزۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپ ئالدىدا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەڭپۇڭسىز، يېتەرلىك بولماسلىقتەك زىددىيەت يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ قىسمەن جايلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، تارقىتىش، ۋارىسلىق قىلىش يېتەرلىك ئەمەس، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش چارىسى ئاز، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى خەلقئارادا تارقىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداپ باشقۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز، باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سىياسەت تۈزۈمىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر