باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشتى

داليەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى − 100 شەھەر، 100 ناھىيە، 100 كارخانىنى تەكشۈرۈش سەپىرى)

2018.10.09 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش ۋە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆسۈپ يېتىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن داليەن ھازىر گۈللەپ ياشنىغان يېڭىلىق يارىتىش شەھىرى بولۇپ قالدى. 1978-يىلى دالىيەن شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 4 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئىدى، 2017-يىلى 736 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە يېتىپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ %30.8نى ئىگىلىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، داليەن شەھىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە جابدۇقچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.7 ۋە %25.3 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىن ئايرىم-ئايرىم 19.7 ۋە 10.3 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.

  2014-يىلى 6-ئايدا، گوۋۇيۈەن شەرقىي شىمالدىكى تۇنجى، مەملىكەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك 10-يېڭى رايون − داليەن جىنپۇ يېڭى رايونىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، يېڭى رايون ئەسلىدىكى داليەن تەرەققىيات رايونى، داليەن باجدىن خالىي رايونى، جىنشىتەن دۆلەتلىك ساياھەت-ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن باشلامچى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. دەسلەپ باشلانغاندىكى ئۈچ كىۋادرات كىلومېتىردىن ھازىرقى 2299 كىۋادرات كىلومېتىرغىچە داليەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش گېنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتۇلدى.

  داليەن گۇاڭياڭ پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈ دېخەي: «يېڭىلىق يارىتىش − كەسىپنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر»، دېدى. جىنپۇ يېڭى رايونىدا، يەر كۆلىمى تەخمىنەن 240 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق يەر ئاستىدىكى زاۋۇت پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا، زاۋۇت يەر يۈزىدىن ئون نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولۇپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى رەقەملىك كونترول قىلىش ئارقىلىق، تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق، تۇراقلىق نەملىك ھالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ «يەر ئاستى سېخى»دىن پايدىلىنىپ، گۇاڭياڭ گۇرۇھىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئىستانوك ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇراشتۇرۇشتا ئورۇن بېكىتىش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 0.5 مىكرومېتىرغا، ھەرىكەتتىكى ماشىنىلارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 0.1 مىكرومېتىرغا يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولۇپ، خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، بىراق بۇنىڭ ئىشلەش تەننەرخى تەڭ كۆلەمدىكى يەر ئۈستىدىكى زاۋۇتنىڭ %5ىگە تەڭ كېلىدۇ.

  قاقاسلىققا ئۇل سېلىشتىن ھازىرغىچە، داليەن جىنپۇ يېڭى رايونى ئاز كەم 60 مىڭ كارخانىغا ئىگە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانا 5000 دىن ئاشتى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ بۇ يەردىكى مەبلەغ سېلىش تۈرى 100 گە يېقىنلاشتى؛ 2017- يىلى ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 284 مىليارد 615 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.13 ئېشىپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ %40ىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلىدى.

  داليەن شەھەرلىك پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش مۇنداق دېدى: «يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەمەلىي، كۈچلۈك، ئەلا قىلىش كېرەك، دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىللىق ئەمەلىيەت ۋە توپلىنىش ئارقىلىق، داليەن يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە كۈچەپ مەدەت بەرمەكتە».

  داليەن زور يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى قەپەسنى بوشىتىپ قۇشنى يېڭىلاش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ مەقسىتى قىلدى. داليەن چاڭشىڭ ئارىلى خېڭلى خىمىيە سانائىتى كەسىپ باغچىسىغا كىرگەندە، تۇرۇبا-كارىدورلار گىرەلەشكەن، باكلارنىڭ تولغانلىقىنى، كىرانلارنىڭ ئالدىراشلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئالتە كىۋادرات كىلومېتىرلىق قۇرۇلۇش مەيدانىدا، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىكى چوڭ كەسىپ تۈرى بولغان خېڭلى نېفىت ئايرىش-بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى قۇراشتۇرۇش ۋە تەڭشەش خىزمەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا، خېڭلى نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى (داليەن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ جىن مۇخبىرغا: «خېڭلى شىركىتىنىڭ يىلىغا 20 مىليون توننا نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 45 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا خام ئەشيا سېلىپ سىناق قىلىنىدۇ، ھازىر ھەر كۈنى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىمىز»، دېدى.

  خېڭلى خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشكەن تۈرى، چوڭ پاراۋۇز 2- قارارلىق پاراۋۇز تۈرى، يېڭى ئايرودوروم ۋە مېترو 5-لىنىيەسى تۈرى، داليەن قولتۇقى دېڭىز ئاستى تونىلى، تەبىئىي گازنى داليەنگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ تېز ئالغا سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان سۈپىتى ياخشى، ئىستىقبالى پارلاق تۈرلەر داليەندە يىلتىز تارتىپ، داليەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلىماقتا.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، داليەن شەھىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 352 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشتى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئېشىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، مەملىكەتنىڭكىدىن 38 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 22 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.8 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر