باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ تور سودىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىليون 580 مىليارد يۈەنگە، سودا ئومۇمىي قېتىم سانى 794 مىليونغا يەتتى

2018.10.09 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى 8- ئۆكتەبىر 2018-يىللىق دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى بانكا بىرلەشمىسىنىڭ تور سودا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ تور سودىسى ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 580 مىليارد يۈەنگە، سودا ئومۇمىي قېتىم سانى 794 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بۇلتۇرقى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %31.9 ۋە %24.5 ئۆرلىگەن. بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق يەتتە كۈن دەم ئېلىشتا بانكا ئاتلاپ قىلغان سودا كۆلىمى بۇلتۇرقى دۆلەت بايرىمىلىق سەككىز كۈن دەم ئېلىشتىكىدىن ئېشىپ، دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان.

  دۆلەت بايرىمىلىق ئالتۇن ھەپتىلىكى ساياھەتكە چىقىدىغان يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق بولۇپ، پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.» جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزچىسى چېن خەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا يېڭى رېكورتىنىڭ يارىتىلغانلىقى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئېلىمىز ئاممىسىنىڭ ئىستېمال جەھەتتىكى ئېھتىياجى كۈچلۈك، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش قەدىمى ئاجىزلاشقىنى يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر